دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاپرېل خەينەن ئۆلكىسىدىكى بوئاۋدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2018-يىللىق يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاپرېل خەينەن ئۆلكىسىدىكى بوئاۋدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2018-يىللىق يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىدۋار. يۆنىلىش يولنى، يول تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ. جۇڭگونىڭ ھازىرقى چوڭ يۆنىلىشى ـــ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش. بىزنىڭ مېڭىۋاتقىنىمىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش يولى. بىزنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن تولۇق ئىشەنچىمىز بار. بىز غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، رولنى پۇختا تۇتۇپ، كۈچنى يىغىپ، ئادەتتىن تاشقىرى تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ئىقتىسادىنى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشتىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا، مىقدارنى كېڭەيتىشتىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە، «بارمۇ-يوق»تىن «ياخشىمۇ-ناچارمۇ»غا بۇرىشىمىز كېرەك. جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ. بىز سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنى ھەرگىز توختاتمايمىز، بىزنىڭ ئىسلاھات قەدىمىمىز ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ، ئېچىۋېتىلگەن ئىشىكىمىز ھەرگىز ئېتىلىپ قالمايدۇ. بىز تۈزۈمىمىزنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىيات سۈپىتىمىز ۋە تۈزەش سەۋىيەمىزنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، خەلقنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىمىز. بىز ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى قەتئىي تەۋرەنمەي راۋاجلاندۇرۇپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا جۇڭگو تۆھپىسىنى قوشىمىز، باشقىلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىساد تېز پويىزىغا ئولتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىلىنىشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كارخانىچىلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ئازادە، تېخىمۇ تەرتىپلىك مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى كارخانىچىلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى مۇساپىسىدە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى مەقسىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىپ، تەرەققىياتتىن ئورتاق مەنپەئەتلىنىش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ھەممىسى ئاشكارا يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ. بىز گۇرۇھۋازلىق قىلمايمىز، شۇنداقلا ئۆكتەملىك قىلمايمىز. بىز شەرقىي ئاسىيا ئىقتىساد ئورتاق گەۋدىسى پىلانى تۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈۋاتىمىز.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى