باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ ھازىرقى ۋە كاندىدات كېڭەش ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى

2018.04.12 16:18   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ ھازىرقى ۋە كاندىدات كېڭەش ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاپرېل خەينەن ئۆلكىسىدىكى بوئاۋ دۆلەت مېھمانسارىيىدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ ھازىرقى ۋە كاندىدات كېڭەش ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 1997-يىلى ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىسىدىن كېيىن قۇرۇلغان بولۇپ، ئاسىيا ئەللىرىنىڭ بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئورتاق تونۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇش تەلىپىگە ماسلاشقان. مۇنبەر قۇرۇلغاندىن بۇيان، مەۋقەنى ئاسىياغا قويۇپ دۇنياغا يۈزلىنىپ، ئاسىيا ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ئاسىيا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. بۇ يىلقى مۇنبەرنىڭ يىللىق يىغىنى «ئېچىۋېتىلگەن، ئىجادچان ئاسىيا، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۇنيا» ئاساسىي تېمىسىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر ئىزدەندى، كۆپچىلىك دۇنيا يېڭى بىر نۆۋەتلىك كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىش، كەڭ كۆلەمدە تەڭشەشنى باشتىن كەچۈرگەن ۋەزىيەتتە، تارىخ ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئۆزگىرىش ياساپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، دەپ قارىدى؛ كۆپچىلىك ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۇرگۈچ كۈچى يېتەرلىك بولماسلىق، سودا قورۇقچىلىقى خىرىسى ئالدىدا، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىگە ئىشىنىدۇ؛ كۆپچىلىك بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىكىنى يارىتىشنى خالايدۇ. ھەر قايسى ئەللەرنىڭ سىياسىيئونلىرى ئەۋلادلارنى ئويلاپ، مىڭ يىللىق پىلان تۈزۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتىلدى: جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىللىق تەجرىبىسى مۇنداق مۇھىم ئىشنى چۈشەندۈرۈپ بەردى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىمۇ جۇڭگوغا مۇھتاج. جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق، ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو مۆجىزىسىنى يارىتاتتى، شۇنداقلا ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە ۋە كۈچ قوشتى. جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىشتەك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولىدۇ؛ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن قوشنا دوستانە مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىشقا تېخىمۇ پائال ئىشتراك قىلىپ، ھەر قايسى ئەللەر بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرىدۇ؛ ئۆزىنىڭ تەقدىرى، ئىستقبالىنى دۇنيا خەلقىنىڭ تەقدىرى، ئىستقبالى بىلەن زىچ باغلاپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەپلا قالماستىن يەنە، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، ھەمكارلىق ئەندىزىسىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۇزاققىچە تىنچ تۇرىدىغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەپ راۋاجلانغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز ۋە گۈزەل دۇنيانى قۇرۇپ چىقىدۇ؛ «بىر بەلباغ ،بىر يول» قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىق يېڭى سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۇرگۈچ كۈچىنى بەخىش ئېتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»دىن تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە خەلقنى مەنپەئەتلەندۇرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·سەككىز پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپىنىڭ سالاھىيىتى قالدۇرۇلدى
    ·بېيجىڭ نوپۇسى ئەمەس ئاسپىرانت «ئىجادكارلار» ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قى…
    ·چۇڭچىڭدا كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلە ئوقۇغۇچىلىرى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا، ئوقۇش پۇ…
    ·شىنجاڭدا 2018- يىلى يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ كاپالەت مېخانىزمى ئۈچۈن بىر مىليارد ب…
    ·ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىك…
    ·3-تۈركۈم دۆلەت «10 مىڭ كىشى پىلانى»دىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئۆزگىرىشلەر
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، يالغانچىلىق قىلغانلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قۇ…
    ·مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇيدۇ