4-ئاينىڭ 12-كۈنى، بىر خېرىدار كىملىكىنى سۈرتۈپ، ئادەم چىرايىنى پەرق ئىتىش ئۇچۇرلىرىغا باغلاش ئارقىلىق، ئادەمسىز بانكا ئىچىدىكى VR سىناق رايونىغا كىرىشكە تەييارلاندى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى شاڭخەي جيۇجياڭ يولىدا دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى ئادەمسىز بانكىنى ئىشقا كىرىشتۈردى. ماشىنا ئادەم كۈتۈۋالىدىغان زالدا نومۇر ئېلىش تەرتىپىدىن ئادەتتىكى بانكىنىڭ %90 نەق پۇل ياكى غەيرىي نەق پۇل كەسىپلىرىنى ئادەمسىز بانكىدا تاماملىغىلى بولىدۇ، خېرىدارلار تۇنجى قېتىم ئىشلەتكەندە، تېلېفون نومۇرى، بانكا كارتىسى ۋە ئادەم چىرايىنى پەرق ئېتىش ئۇچۇرلىرىنى باغلىۋالسا، بۇنىڭدىن كېيىن بانكا كارتىسىنى ئېلىۋالمىسىمۇ چىرايىنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق پۇل ئېلىش ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى