خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2018-يىللىق يىللىق پائالىيىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ بوئاۋ شادلىق شەھەرچىسى خەلقئارالىق داۋالاش، ساياھەت ئاۋانگارت رايونىنىڭ پىلان سارىيىنى كۆزدىن كەچۈردى. باش شۇجى بىر قاتار ئىلغار داۋالاش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئاكادېمىكلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بويىچە بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ كۆردى. ئۇ دۆلىتىمىز ئىشلەپچىقارغان بارماق چوڭلۇقىدىكى ماگنېت بىلەن كونترول قىلىنىدىغان كاپسۇل ئاشقازان ئەينىكى ماشىنا ئادىمىنى قولىغا ئېلىپ، بۇنىڭ تەتقىقات ۋە قوللىنىش ئەھۋالىنى ئىنچىكە سۈرۈشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «ئىككى يۈز يىللىق» كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش لازىم. ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ساغلاملىقنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ساغلاملىقتىن ئايرىلالمايدۇ. ساغلاملىق ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، تېنى ساغلام مىللەت بولۇش لازىم.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى