باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى يەر سۈپۈرگۈچ ماشىنا ئادەمنىڭ سۈپىتىنى سىنىدى

2018.04.11 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونىدا يەر سۈپۈرگۈچ ماشىنا ئادەمنىڭ سېلىشتۇرما تەجرىبىسىنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىن جەريانىدا، 20 خىل ئەۋرىشكە ماشىنا ئادەم سىناپ سېلىشتۇرۇلۇپ كۆرۈلدى. سىناپ سېلىشتۇرۇلۇش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ ئەۋرىشكە ماشىنا ئادەملەر ئۇنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتە بىر قەدەر ياخشى ئىكەن، ئەمما، ئۇ ئەۋرىشكە ماشىنا ئادەملەرنىڭ ئومۇمىي تازىلاش ئىقتىدارى جەھەتتىكى پەرقلىرى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك ئىكەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى ئۇلارنىڭ باھاسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولۇشى ناتايىن ئىكەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، سۈمۈرۈش ئېغىزى بار تىپدىكى ئەۋرىشكە ماشىنىلاردا ئەخلەتلەرنىڭ ئوققا چىرمىشىپ قېلىش نىسبىتى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىپادىسى بىر قەدەر ياخشى بولغان؛ يەرگە چۈشۈپ كەتكەن چاچلار ۋە ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ تۈكلىرى دېگەندەكلەرنى تازىلاش ئىقتىدارى جەھەتتە، 20 خىل ئەۋرىشكە ماشىنىنىڭ تازىلاش ئۈنۈمدارلىق نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %80 ۋە %89گە يەتكەن بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى ئىپادىسىمۇ ياخشى بولغان. ئومۇمىيلىشىش نىسبىتى جەھەتتە، 20 خىل ئەۋرىشكە ماشىنىنىڭ ئارىسىدىكى پەرقلەر كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەقلىي ئىقتىدار سەۋىيەسى يۇقىرى بولغان يەر سۈپۈرگۈچ ماشىنا ئادەملەرنىڭ تازىلاش ئۈنۈمى ياخشى بولغان.

  جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر بازارلاردا سېتىلىۋاتقان نۇرغۇن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يەر سۈپۈرگۈچ ماشىنا ئادەملەرنىڭ ئىقتىدارلىرىنى سودىگەرلەر كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىپ، ئۇ ماشىنا ئادەملەرنىڭ يىرىك پىلان تۈزۈش ئىقتىدارى بار، زېھىنلىك، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق، چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ، سۈپۈرۈش بىلەن سۈرتۈش بىر گەۋدە بولۇشتەك ئىقتىدارغا ئىگە، دەپ تەرىپلەيدۇ. بىراق، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى بىلەن تەشۋىقاتتىكى ئۈنۈمى ئارىسىدا يەنىلا خېلى زور پەرقلەر مەۋجۇت. شۇڭا، مەن ئىستېمالچىلارغا شۇ تەكلىپنى بېرىمەنكى، بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغاندا ۋە ئىشلەتكەندە، ھەر كىم ئۆزىنىڭ ئائىلە مۇھىتى ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق كېلىدىغان مەھسۇلاتنى تاللىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر