- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«خادىمسىز بانكا» كىشىلەرنى جەلپ قىلدى
2018.04.12 16:49 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاپرىل، شاڭخەي شەھىرى جيۇجياڭ يولىغا جايلاشقان قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ جيۇجياڭ يولى تارماق بانكىسى بىر قەۋەت تىجارەت تور نۇقتىسىنى ئۆزگەرتىپ سىرتقا ئاچتى. بۇ، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى تۇنجى «خادىمسىز بانكا» تور نۇقتىسى بولۇپ قالدى.
«خادىمسىز بانكا»غا كىرسە، ماشىنا ئادەم چوڭ زال دىرېكتورى ئالدىغا كېلىپ كۈتۈۋېلىپ، نورمال تىل ئارقىلىق خېرىدار بىلەن پاراڭلىشىپ، خېرىدارنى ئوخشىمىغان كەسىپلەر بويىچە ئايرىم-ئايرىم كەسىپ بېجىرىش رايونلىرىغا يېتەكلەيدۇ. «خادىمسىز بانكا»دا زور كۆلەمدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوماتىك تېرمىنال ئىشلىتىلگەن بولۇپ، يەنە تېخنىكا ۋە ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ھەر قايسى ھالقىلاردىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇلازىمەت رايونىنى تۇتاشتۇرىدۇ، پۈتكۈل تور نۇقتىسىدا بانكا خادىمى ئىشلىمەيدۇ.
سۈرەتتە: شەھەر ئاھالىسى پۈتۈنلەي يېڭى بۇ بانكا مۇلازىمەت نۇسخىسىنى سىناپ كۆرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر