باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتاپنىڭ 2- تومىنىڭ كۆپ خىل تىلدىكى كىتابى لوندۇندا خەلقئاراغا تۇنجى تارقىتىلدى

2018.04.12 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، جۇڭگو چەت ئەل تىلى نەشىر قىلىش-تارقىتىش ئىدارىسى، جۇڭگونىڭ ئەنگىلىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى باشچىلىق قىلغان «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتاپنىڭ 2-تومىنىڭ كۆپ خىل تىلدىكى كىتابىنىڭ تۇنجى تارقىتىلىشى 11-ئاپرېل ئەنگىلىيەنىڭ لوندۇندا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

  ئەنگىلىيە يورك كىنەزى شاھزادە ئاندىرۇ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جياڭ جيەنگو قاتارلىقلار بىرلىكتە كىتاپنىڭ يۇپۇقىنى ئاچتى. ئىسپانىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى فىلىپ گونزالىز، ئىتالىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى مارىئو مونتى، جۇڭگو، ئەنگىلىيە ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي، سودا، ئىلىم-پەن، ئاخبارات ساھەسىدىكى زاتلار ۋە 14 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن خەلقئارالىق داڭلىق نەشر قىلىش-تارقىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ جەمئىي 300 دىن كۆپ كىشى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  ئاندىرۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئەنگىلىيە ئىككى چوڭ دۆلەت، ئىككى تەرەپنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى، يېڭىلىق يارىتىش، سودا، دۇنياۋىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ساھەلىرىدە ھەمكارلىق بوشلۇقى مەۋجۇت، ئىككى تەرەپ ياخشى ھەمكارلىشىشقا، شۇنداقلا قۇيۇق ھەمكارلىشىشقا تېخىمۇ مۇھتاج. بۇ قېتىمقى «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتاپنىڭ 2- تومىنىڭ كۆپ خىل تىلدىكى كىتابىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ لوندۇندا ئۆتكۈزۈلۈشى بىر ئابىدە، بۇ داڭلىق ئەسەر تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئىلھام بېغىشلاپ، ئۇلارغا جۇڭگونىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى، نەگە بارىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇ كىتاپنىڭ تېخىمۇ كۆپ تومىنىڭ نەشىردىن چىقىشىنى كۆرۈشكە تەقەززامىز. تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ جۇڭگوغا بېرىپ كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۆزۈممۇ پۈتۈن ئۆمرۈمنى جۇڭگونى چۈشىنىشكە سەرپ قىلىشنى خالايمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر