خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ ئاخبارات تورى مۇخبىرى مەدىنۇر ئەخمەت خەۋىرى، فوتوسى) ئاقسۇ شەھىرىدىكى 280 مىڭ تۈپ كۆركۈم گۈلى يېقىندا بەس بەستە ئېچىلدى، ھەرخىل رەڭدىكى كۆركۈم گۈللىرى شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئاقسۇ شەھىرى ئۇدا ئۈچ يىل كۆركۈم گۈلىنى ئوڭۇشلۇق ئۆستۈرگەن بولۇپ، بۇ يىل جەمئىي 25 خىل تۈردىكى 280 مىڭ تۈپ كۆركۈم گۈلى تېرىلغان، 4-ئاينىڭ ئوتتۇرى ۋە ئاخىرىدا راسا پورەكلەپ ئېچىلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى