باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

توي مۇراسىمىنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئەنگلىيەلىك بىر جۈپ ياش تويىدا مېھمانلارنى باشلاپ ئەخلەت تەردى

2018.04.17 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: توي مۇراسىمىنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك قىلىشنى ئويلامسىز؟ بەلكىم ئەنگلىيەلىك فىل كۇمبس ۋە كىلارا كۇرگېنۋىندىن ئىلھام ئالالىشىڭىز مۇمكىن. بۇ بىر جۈپ ياش توي مۇراسىمىدا بىر ئالاھىدە باسقۇچنى ئورۇنلاشتۇردى، يەنى مېھمانلار ۋە پىدائىيلار بىلەن بىرلىكتە دېڭىز ساھىلىغا بېرىپ ئەخلەت يىغدى.

  كۇمبس ۋە كۇرگېنۋىن 14-ئاپرىل كورنىۋال پادستوۋدىكى بىر چىركاۋدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يېقىن ئەتراپتىكى ترېۋون دېڭىز ساھىلىغا بېرىپ، مېھمانلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، ئارقىدىن رېزىنكە ئۆتۈك كىيىپ، مېھمانلار بىلەن بىللە دېڭىز ساھىلىدا ئەخلەت تېرىپ، ئەخلەتلەرنى پاكىز تېرىپ بولغاندىن كېيىن مۇراسىمنى داۋاملاشتۇردى.

  روب ستېۋېنسون بۇ يىل 49 ياش، ئۇنىڭ قىزى بۇ يىل 21 ياشتا بولۇپ، ئىككىسى «پاسكىنا نەرسىلەرگە قارشى دولقۇن يارغۇچى» ناملىق جامائەت پاراۋانلىقى ئاپپاراتىغا ۋەكىل بولۇپ، بۇ قېتىمقى توي مۇراسىمىنىڭ ئەخلەت يىغىش پائالىيىتىنى تەشكىللىدى.

  ستېۋېنسون ئەنگلىيە «تايمىس گېزىتى»گە مۇنداق دېدى: «ھەممە مېھمانلار دېڭىز ساھىلىغا بېرىپ ئەخلەت تەردى، كۆپچىلىكنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن خوشال بولدى. كېلىنچەك كىلارانىڭ ئاپىسى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى».

  ستېۋېنسوننىڭ دېيىشىچە، بۇ «چوقۇم تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن كېلىنچەك ۋە كۈيئوغۇل توي كىيىمى كىيىپ، دېڭىز ساھىلى پاكىزلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان پائالىيەت»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر