باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2018.04.13 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 12-ئاپرېل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا «ئالاقە تورى + داۋالاش، ساغلاملىق» تەدبىرىنى كۈچەيتىپ، كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش قىيىن مەسىلىسىنى يېنىكلىتىش، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش بېكىتىلدى؛ ئىمپورت راكقا قارشى دورىدىن تاموژنا بېجى ئالماسلىقنى يولغا قويۇپ ۋە يېڭىلىق يارىتىش دورىسىنى ئىمپورت قىلىشنى رىغبەتلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، ئاغرىقلارنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈش قارار قىلىندى؛ يېزا-كەنتلەردە كىچىك مەكتەپ ۋە يېزا-بازارلاردا ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يېزا بالىلىرىنى ئادىل، سۈپەتلىك مەجبۇرىيەت مائارىپى بىلەن تەمىنلەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىىغا ئاساسەن، «ئالاقە تورى + داۋالاش، ساغلاملىق» تەدبىرىنى كۈچەيتىشنى تېزلىتىش ئارقىلىق داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئاغرىقلارنى ئاز ماڭغۇزۇپ، تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مەبلىغىدىن بەھرىلەندۈرگىلى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى. يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: بىرىنچى، 2-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانىلارنىڭ كېلىشىپ داۋالاش، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق تور مۇلازىمىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك تەمىنلىشى تېزلىتىلىدۇ. داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ بىر قىسىم دائىم كۆرۈلۈدىغان، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرنى قايتا تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئالاقە تورىدا داۋالاش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئىككىنچى، يىراق مۇساپىلىك داۋالاشنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى ۋە ناھىيەلىك دوختۇرخانىلارنى قاپلىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شەرقتىكى ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ. شەھەر-يېزا داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك كەڭ بەلباغلىق تور بىلەن قاپلاشنى قوللاپ، يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئالاقە تورى مەخسۇس لىنىيەسى قۇرۇلىدۇ. ئۈچىنچى، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ رېتسېپ ۋە دورا پارچە سېتىش ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەكشۈرۈش ۋە بىر جايدا راسچوت قىلىش يولغا قويۇلىدۇ. «ئالاقە تورى + داۋالاش، ساغلاملىق» ئۆلچەم سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش تېزلىتىلىپ، داۋالاش سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى ساقلاش كۈچەيتىلىدۇ.

  ئاغرىقلار بولۇپمۇ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ دورا پۇلى يۈكىنى يېنىكلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ دورا ئىشلىتىش تاللىشىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: بىرىنچى، 2018-يىلى 1-مايدىن باشلاپ، راكقا قارشى دورىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغا بارلىق ئادەتتىكى دورا، راكقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە بىئو دورا ۋە ئەمەلىي ئىمپورت قىلىنغان تەييار جۇڭيى دورىلىرىنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجى نۆلگە تۆۋەنلىتىلىپ، ئېلىمىز ئەمەلىي ئىمپورت قىلىنغان بارلىق راكقا قارشى دورىلىرىدىن تاموژنا بېجى ئالمايدۇ. راكقا قارشى دورا ئىشلەپچىقىرىش، ئىمپورت قىلىش ھالقىسىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلىدۇ. ئىككىنچى، ئۇنىۋېرسال تەدبىرلەر چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىنىپ، ھۆكۈمەت مەركەزلىك سېتىۋېلىش، ئىمپورت يېڭىلىق يارىتىش دورىسى بولۇپمۇ جىددىي ئېھتىياجلىق راكقا قارشى دورىلارنى ۋاقتىدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلىپ، ئاممىغا جىددىي ئېھتىياجلىق راكقا قارشى دورىلار باھاسىنىڭ روشەن تۆۋەنلىتىلگەنلىكى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇلىدۇ. ئۈچىنچى، يېڭىلىق يارىتىش دورىلىرىنى ئىمپورت قىلىپ بازارغا سېلىش تېزلىتىلىدۇ. كىلىنىكىدا تەجرىبە قىلىش ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلاش تۈزۈمى قەرەلى توشقاندا ئۈن-تىنسىز ئېتىراپ قىلىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلىپ، ئىمپورت قىلىنغان خىمىيەلىك دورىلار كارخانىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، تۈركۈملەپ مەجبۇرىي تەكشۈرۈلمەيدۇ. تۆتىنچى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش كۈچەيتىلىدۇ. يېڭىلىق يارىتىش خىمىيەلىك دورىلىرىغا ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئالتە يىللىق سانلىق مەلۇماتنى قوغداش مۇددىتى تەسىس قىلىنىپ، قوغداش مۇددىتىدە ئوخشاش تۈردىكى دورىلارنىڭ بازارغا سېلىنىشى تەستىقلانمايدۇ. جۇڭگو ۋە چېگرا سىرتىدا بازارغا سېلىش تەڭ ئىلتىماس قىلىنغان يېڭىلىق يارىتىش دورىسىغا ئەڭ ئۇزاق بولغاندا بەش يىللىق پاتېنتنى قوغداش مۇددىتى تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ. بەشىنچى، سۈپەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش زورايتىلىپ، ئىمپورت دورىلارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش نەق مەيدانىنى تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىپ، ساختا دورا ياساش-سېتىشقا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر