- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
چېگرادىن چىقىش-كىرىشتىكى پىريوم-كارانتىن ئىشلىرى تاموژنىغا رەسمىي ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى
2018.04.17 14:27 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاموژنا ئاپپارات ئىسلاھاتىغا سەپەرۋەرلىك قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە يېقىندا ئېچىلغان تېلېۋىزىيە تېلېفون يىغىنىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، يېقىندا، چېگرادىن كىرىش-چىقىشتىكى پىريوم-كارانتىن ئىشلىرىنىڭ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە قوشۇنى تاموژنا باش مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا 4- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن باشلاپ، سىرتقا قارىتىلغان خىزمەتلەر تاموژنا نامىدا قانات يايدۇرۇلىدىكەن. شۇ قاتاردا، يولۇچىلارنى بىرىنچى سەپتە تەكشۈرۈش ۋە پىريوم قىلىش، ھەمدە كۆزنەكتە تەكشۈرۈش دېگەندەك خىزمەت ئورۇنلىرىدا بىر تۇتاش ھالدا ئىش ئورنىغا چىقىش، بىر تۇتاش ھالدا تاموژنا خىزمەت فورمىسى كىيىش ۋە بىر تۇتاش ھالدا تاموژنا بەلگىسىنى تاقاش يولغا قويۇلىدىكەن.
گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىگە ئاساسەن، دۆلەت سۈپەت نازارەتچىلىكى پىريوم-كارانتىن ئىشلىرى باش ئىدارىسىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشتىكى پىريوم-كارانتىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە قوشۇنى تاموژنا باش مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باشلىقى نى يۆفېڭ يىغىندا سۆز قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك تاموژنىلار ئۆز فۇنكسىيەلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە ياخشىلاشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى، تەننەرخىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەن بولۇشى، سودا قىلىش مۇھىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق بولۇشى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ( مۇخبىر رېن تاۋ)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر