باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى دەۋر، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرەيلى

– رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خەينەن ئۆلكىسىدە قىلغان مۇھىم سۆزى ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېت، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

2018.04.16 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «بىز بېكىتىلگەن نىشاننى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرۇشتا، قىلچە ئېغىشماي جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم يولىدا چىڭ تۇرۇپ، قىلچە ئېغىشماي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ تۇغرا يول، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولى، خەلقنى بېيىتىش يولىدا مېڭىشىمىز كېرەك». ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىغا 40 يىل بولغان پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغانلىقى، ئىقتىسادى ئالاھىدە رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېت، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچلىك بەس- بەستە مۇنداق دېيىشتى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايوننى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ، سەۋىيە يارىتىپ، كۈتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئىسلاھاتنى توختىتىپ قويماسلىق ،ئېچىۋېتىش قەدىمىنى توختىتىپ قويماسلىققا تۈرتكە بولىمىز.

  ئىشەنچنى چىڭىتىپ ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، قىلچە ئېغىشماي ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش يولىدا مېڭىش

  ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىش پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەدبىرى. 40 يىلدىن بۇيان، شېنجېن، جۇخەي، شەنتۇ، شيامېن، خەينەن قاتارلىق بەش ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشنىڭ سەلتەنەتلىك سەھىپىسىنى پۈتتى.

  «خەينەن ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3ـ ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، ۋۇجۇدقا كەلگەن پارتىيەنىڭ تۈپ نەزەرىيەسى، تۈپ لۇشيەنى، ئاساسىي تاكتىكىسىنىڭ پۈتۈنلەي توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى»، باش شۇجى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مۇھىم بايانغا نىسبەتەن خەينەن تاموژنىسىنىڭ باشلىقى چېن جېنچۇڭنىڭ تەسىراتى چوڭقۇر، ئۇ: خەينەن ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، تاشقى سودا ئاساسىي ئاجىز، ئۇلى بوش ئىدى، 30 يىلدىن بۇيان، خەينەن مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن تاشقى سودا ئىشلىرىدا ھالقىما تەرەققىياتقا ئېرىشتى، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىي يېڭى تۈزۈلمىنىڭ يارقىن نۇقتىلىرى توختىماي بارلىققا كەلدى، دېدى. ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر خەينەن ئۆلكىسىنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتى 1988- يىلىدىكى 600 مىليون دوللاردىن 2017ـ يىلىدىكى 10 مىليارد 370 مىليون دوللارغا كۆپىيىپ، 16.3 ھەسسە ئېشىپتۇ.

  2011- يىلى 20ـ ئاپرېلدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز خەينەندە ئارالدىن ئايرىلغان ساياھەتچىلەرنىڭ مال سېتىۋېلىش بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى(قىسقارتىلىپ ئارالدىن ئايرىلغانلاردىن باج كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى )نى نۇقتىدا سىناق قىلدى. «سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، خەينەندىكى باج كەچۈرۈم قىلىنغان دۇكانلارنىڭ سېتىش سوممىسى، مال سېتىۋالغۇچىلار سانى ۋە ئوتتۇرىچە مال سېتىۋىلىش سوممىسى يىلسېرى ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى – دېدى دۆلەت باج باش ئىدارىسى باج يىغىش ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى لى ۋەنفۇ- ئارالدىن ئايرىلغانلاردىن باج كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ئاۋۋال يولغا قويۇلغان، ئاۋۋال سىناق قىلىنغان ئالاھىدە سىياسەت ۋە جانلىق تەدبىرلەر، خەينەن ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىدىن ئىبارەت چەت ياقىدىكى ئارالنىڭ تەرەققىي قىلىپ دۆلىتىمىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنەككە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر