باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى «چاشقان تۇتمايدىغان مۈشۈك» بولۇپ قالماسلىقى كېرەك

2018.04.17 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يېقىندا سىچۈەن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەسئۇلىنىڭ 2017-يىللىق «نۆل دېلو تۇرغۇزۇش»ىغا قارىتا ئەۋەتىلگەن بەش نازارەتچى ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسۇس ھەيدەكچىلىك قىلىش يىغىنىدا، نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى «چاشقان تۇتمايدىغان مۈشۈك» بولۇپ قالماسلىقى كېرەك، دەپ كۆرسەتكەنلىكى خەۋەر قىلىندى. بۇ مەسئۇل يەنە مۇنداق دېدى: ئىنتىزام تەكشۈرۈشنى نازارەت قىلىشنى باشتىن-ئاخىر ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشتىكى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ، «تەكشۈرۈش كۆزى» بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  نازارەت قىلىپ تەپتىش قىلىش پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ئۆزى نازارەت قىلىشىنىڭ مۇھىم شەكلى. 18-قۇرۇلتايدىن بۇيان، نازارەتچىلىك خىزمىتى زور دەرىجىدە كۈچەيتىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ 1-دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگىنىدىن 139ىنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش بويىچە نازارەتچىلىك قىلىش ئاپپاراتى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىمۇ نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەممىنى قاپلاشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى. نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى تولۇق قاپلاپلا قالماستىن، يەنە «ئەۋەتىش»نىڭ نوپۇزى، «تۇرۇش»نىڭ ئەۋزەللىكى ھەقىقىي تۈردە جارى قىلدۇرۇلۇشى لازىم. لېكىن بەزى جايلاردا، نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، ھەتتا نۆل دېلو تۇرغۇزۇشتەك ئەھۋاللار پەيدا بولدى.

  نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ «چاشقان تۇتۇشىدا» قانداق قىيىنچىلىقلار بار؟

  بىر مەزگىلدىن بۇيان، بەزى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرىنى كادىرلارنىڭ دەرىجىسى، تەمىناتىنى ھەل قىلىشتىكى ياخشى «بارارگاھ» قىلىۋالدى، كۆپ ئەھۋاللاردا يېشى چوڭ، ئىستاژى ئۇزۇن كادىرلارنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش نازارەتچىلىك گۇرۇپپىسىغا ئورۇنلاشتۇردى، كۆپىنچىسى نەچچە يىل ئىشلەپ پېنسىيەگە چىقىدىغان بولغاچقا، بۇ ئەھۋال ۋەكالىتەن ئەۋەتىلگەن كادىرلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپچانلىقى يۇقىرى بولماسلىق، نازارەت قىلىشنى خالىماسلىق، باشقىلارنى رەنجىتىپ قويۇشتىن قورقۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ خىزمەتتىكى رولى يېتەرلىك جارى قىلدۇرۇلمىدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان، ۋەكالىتەن ئەۋەتىلگەن كادىرلارنىڭ مائاشى، تەمىناتى قاتارلىقلار نۆۋەتتە تۇرۇشلۇق شۇ تارماقلار تەرىپىدىن بېرىلىدىغان بولغاچقا، بەزىبىر كادىرلار خاتا ھالدا «باشقىلارنىڭ تامىقىنى يەپ تۇرۇپ، ئىشىنى بۇزسام ياخشى بولمامدىكىن» دېگەن خىيالدا بولدى. بەزىبىر ئىنتىزام تەكشۈرۈش نازارەتچىلىك گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرى «فۇنكسىيەنى، ئۇسۇلنى، ئىستىلنى ياخشىلاش»تىن كېيىن، كەسپىي خىزمەتكە مەسئۇل بولمىدى. بىراق يەنىلا ۋەكالىتەن ئەۋەتكەن تارماق پارتگۇرۇپپىسى (پارتكوم)ىنىڭ ئەزاسى، «بىرىنچى قول رەھبەر» ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن ھامان، كۆپ ھاللاردا پىرىنسىپتا چىڭ تۇرالماي، يۈزىنى قىلىپ، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلالماي، نازارەت قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئورۇندىيالماي قالدى.

  ئۇنىڭدىن باشقا شەھەر، ناھىيەلىك بىرىنچى دەرىجىلىك نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرىغا ئەۋەتىلگەن كادىرلارنىڭ سانى بىر قەدەر ئاز، بەزىلىرىدە ھەتتا بىر، ئىككىلا ئادەم بولۇپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش كۈچى ئاجىز بولدى.

  ئىسلاھات قانچە چوڭقۇرلاشقانسېرى، غاجايدىغان سۆڭەڭ شۇنچە قاتتىق، دۇچ كېلىدىغان «قىيىن ۋەزىيەت»كە چېتىشلىق ئىشلار شۇنچە مۇرەككەپ بولىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئارزۇسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى يەنىلا تاشنى دومىلىتىپ تاغقا يامىشىش، دۆڭ ۋە ئويمانلاردىن ھالقىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. قانداق قىلىپ نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرىنى «چاشقان تۇتالايدىغان مۈشۈك» قىلىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق تارماقلاردا نازارەتچىلىك قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «داۋاملىق تۇرىدىغان كۆزىتىش گۇرۇپپىسى»غا ئايلاندۇرۇشتا، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى يەنىلا كۆپ تەرەپتىن كۈچ چىقىرىپ، نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەۋەتىلگەن كادىرلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاپ، مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشى، نازارەت قىلىشقا جۈرئەت قىلىشى، نازارەت قىلىشقا ماھىر بولۇشى، ھەر ۋاقىت قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ، كۆزىنى يوغان ئېچىپ مەسىلىلەرنى بايقاپ، نازارەتچىلىك ئاپپاراتلارنىڭ «تەكشۈرگۈچ»لۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر