باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا «ئالاقە تورى + داۋالاش ۋە ساغلاملىق»نى تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى تەدبىرلەر بېكىتىلدى

راكقا تاقابىل تۇرۇش دورىلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىدا 1- مايدىن باشلاپ ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئىمپورت بېجىنىڭ ئېلىنماسلىقى، ھەمدە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بويىچە پاتېنتلىقى بار خاس دورىلارنىڭ بازارغا سېلىنىشىنىڭ تېزلىتىلىشى قارار قىلىندى

2018.04.16 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 12- ئاپرېل رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقان گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىدا، «ئالاقە تورى + داۋالاش ۋە ساغلاملىق»نى تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى تەدبىرلەر بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا، كېسەل كۆرسىتىش ۋە داۋالىنىش قىيىن بولۇشتەك بۇ مەسىلىنى يېنىكلىتىش ۋە خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ راكقا تاقابىل تۇرۇش دورىلىرىنى ئىمپورت قىلىشتا ھېچقانداق ئىمپورت بېجى ئالماسلىق، ھەمدە يېڭىچە ياساپ چىقىرىلغان دورىلارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىغا ئىلھام بېرىش؛ خەلقنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئارزۇلىرىغا ماسلىشىپ، بىمارنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلار قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، «ئالاقە تورى + داۋالاش ۋە ساغلاملىق»نى تەرەققى قىلدۇرۇش تېزلىتىلسە، داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، بىمارلارنىڭ يۈگۈر-يېتىم ئىشلارغا بىھۇدە ھالدا چېپىپ يۇرىشى ئازىيىدۇ، ھەمدە ئۇلارغا تېخىمۇ قولاي بولغان شارائىتلارنى يارىتىپ بەرگەنلىك بولىدۇ، ھەم شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان قىلغىلى بولىدۇ.

  يىغىندا تۆۋەندىكىدەك ئىشلار بېكىتىلدى: بىرىنچىسى، 2- دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بولغان دوختۇرخانىلارنىڭ بىمارلارنى ئۆزلىرىنىڭ تۆۋەندىكىدەك مۇلازىمەتلىرى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھالدا تەمىن ئېتىشنى تېزلىتىشى كېرەكلىكى، يەنى بىمارلار ئالدىن كېلىشىپ قويغان بويىچە داۋالىنالايدىغان بولۇش ۋە تەكشۈرتۈش نەتىجىسىنى تور لىنىيەسىنىڭ ئۆزىدىلا تەكشۈرەلەيدىغان بولۇش دېگەندەك مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىن ئېتىشنى تېزلىتىشى كېرەكلىكى؛ داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان ۋە ئاستا خاراكتېرلىك بىر قىسىم كېسەللىكلەرنىڭ كېسەللىرىنى قايتا تەكشۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەردە ئالاقە تورى ئارقىلىق داۋالاشتەك مۇلازىمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىش كېرەكلىكى بېكىتىلدى.

  ئىككىنچىسى، يىراق مۇساپىلىك داۋالاش تەدبىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنى قاپلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكى؛ شەرقىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقلىرىنى ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ ئېھتىياجى بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكى؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك كەڭ بەلباغلىق تورلارنىڭ شەھەر-يېزىلاردىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى قاپلاپ، داۋالاشتىكى ئالاقە تورى مەخسۇس لىنىيەسىنى قۇرۇش، ھەمدە ئۇ تور لىنىيەلىرىنىڭ يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى قوللاش كېرەكلىكى بېكىتىلدى.

  ئۈچىنچىسى، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ رېتسېپ ئۇچۇرلىرى ۋە دورىلارنىڭ پارچە سېتىلىش ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش تېخنىكىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەكلىكى؛ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئەھۋالىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھالدا تەكشۈرۈش ۋە «بىر يوللا ھەل قىلىش شەكلى»دىكى راسچوت قىلىش قولايلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكى؛ «ئالاقە تورى + داۋالاش ۋە ساغلاملىق» ئۆلچىمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇچۇرلاردىن ئۆزئارا ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى تېزلىتىش، داۋالاش سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەكلىكى بېكىتىلدى.

  كەڭ بىمارلار بولۇپمۇ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ دورا ھەققى يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ھەمدە دورا ئىشلىتىشنى تاللىشى تېخىمۇ كۆپ بولۇشى ئۈچۈن، يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: بىرىنچىسى، 2018- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، راكقا تاقابىل تۇرۇش دورىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئادەتتىكى دورىلار، راكقا تاقابىل تۇرۇش رولىغا ئىگە بىيولوگىيەلىك ئىشقار تۈردىكى دورىلار ۋە ئەمەلىيەتتە ھازىر ئىمپورت قىلىنىۋاتقان قىسمەن دەرىجىدە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن دورىلار ئىمپورت قىلىنغاندا، ئۇنداق دورىلاردىن تاموژنا بېجى ئالماسلىق ۋە ئېلىمىز ھازىر ئەمەلىيەتتە ئىمپورت قىلىۋاتقان بارلىق تۈرىدىكى راكقا تاقابىل تۇرۇش دورىلىرىدىن تاموژنا بېجى ئالماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچىسى، ئۇنىۋېرسال تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىش، دورىلارنى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش، ئىمپورت قىلىنغان ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بويىچە پاتېنتلىقى بار خاس دورىلارنى، بولۇپمۇ راكقا تاقابىل تۇرۇشتا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان دورىلارنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىش مۇندەرىجىسىگە ۋاقتىدا كىرگۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش، ھەمدە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا يوللىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئوبوروت ھالقىسىدىكى تۈرلۈك نامۇۋاپىق يوسۇندىكى باھا قوشۇش ئەھۋالىنى يوقىتىش، راكقا تاقابىل تۇرۇشتا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان دورىلارنىڭ باھالىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئاممىغا ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچىسى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بويىچە پاتېنتلىقى بار خاس دورىلارنى ئىمپورت قىلىپ بازارغا سېلىشنى تېزلىتىش كېرەك. كىلىنىكىلىق تەجرىبە ئىلتىماسىنى تەستىقلاشتا، ئىلتىماسنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى تۈگىگەندە قايتا تەستىقلاشتەك كونا تۈزۈمنى ئۆزگەرتىپ، ئىلتىماسنىڭ قەرەلى توشقاندا ئىلتىماسنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئاپتوماتىك ھالدا ئېتىراپ قىلىنىپ يەنە داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولۇش، ئىمپورت قىلىنغان خىمىيەۋى دورىلارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزگەندە، كارخانىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئارقىلىقلا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈۋېتىشكە ئۆزگەرتىش، ئىلگىرىكىدەك بىر قاتار مۇرەككەپ تەستىقلاش رەسمىيەتلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ مەجبۇرىي ھالدا تەكشۈرۈشتەك رەسمىيەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك.

  تۆتىنچىسى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بويىچە پاتېنتلىقى بار خاس خىمىيەلىك دورىلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئالتە يىللىق سانلىق مەلۇمات قوغداش مۇددىتى تەسىس قىلىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا، بۇ قوغداش مۇددىتى ئىچىدە ئوخشاش تۈردىكى دورىلارنىڭ بازارغا سېلىنىشى قايتا تەستىقلانمايدۇ.

  بەشىنچىسى، سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ئىمپورت قىلىنغان دورىلارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ئىشلەپچىقىرىلىش نەق مەيدانىدا تەكشۈرۈلۈشىنى كۈچەيتىپ، ساختا تاۋارلارنىڭ ياسىلىشى ۋە سېتىلىشىغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر