باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ سۈرىيەگە ھەربىي زەربە بەرگەنلىكىنى ئەيىبلەش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ماقۇللىنىشتىن ئۆتمىدى

2018.04.17 08:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 14- ئاپرېلدىكى يىغىنىدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەگە ھەربىي زەربە بەرگەنلىكىنى ئەيىپلەش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ماقۇللىنىشتىن ئۆتمىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر لايىھەنى رۈسىيە تەرەپ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە يوللىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئەرەب سۇرىيە جۇمھۇرىيىتىگە بولغان تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ خەلقئارالىق قانۇنغا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئەيىبلەش ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنغان.

  ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، رۇسيە، جۇڭگو ۋە بولىۋىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت قوللاش ئاۋازى بەرگەن، سەككىز دۆلەت قارشى تۇرۇش ئاۋازى بەرگەن، تۆت دۆلەت ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن. «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارار لايىھەسى ئاز دېگەندە توققۇز بېلەتكە ئېرىشىش لازىم، ھەمدە بۇ خەۋپسىزلىك كېڭەشنىڭ رۇسىيە، جۇڭگو، فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت بەش دائىمىي ئەزاسى رەت قىلىش ئاۋازى بەرمىگەن بولۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر