باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىغا ئائىت بايانلىرىدىن تاللانمىلار» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2018.04.16 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىغا ئائىت بايانلىرىدىن تاللانمىلار» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركەز ھۆججەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا تارقىتىلدى.

  ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تىنچ شارائىتتا خەۋپ-خەتەرنى ئويلاش − پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم پىرىنسىپى، دەپ تەكىتلەندى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى يىراقنى كۆزلىگەن، مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە بولغان تونۇشىنى يېڭى يۈكسەكلىككە ۋە يېڭى مەنزىلگە كۆتۈردى، ئۇ يېڭى دەۋر دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال. يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىغا ئائىت مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش پۈتۈن پارتىيەنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە دۆلەت خەۋپسىزلىكى يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تۈزۈلمە، مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغداش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر