باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئالاقە تورىدا پاش قىلىشنى قوبۇل قىلىش سۇپىسى ئاچتى

2018.04.16 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ۋە ئۇلارنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان جىنايى قىلمىشلار، جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلارنىڭ يىپ ئۇچىنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، 2018- يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئالاقە تورىدا پاش قىلىشنى قوبۇل قىلىش سۇپىسى تور بېكىتى (www.12339.gov.cn)نى ئېچىپ، تەشكىل ۋە شەخسنىڭ پاش قىلىش ئۇچۇرلىرىنى قۇبۇل قىلىدۇ.

  ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخس بۇ تور بېكەتكە تىزىملىتىپ كىرىش ئارقىلىق، بايقىغان دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايى قىلمىشلار، جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا ھەرىكەتلەرنىڭ يىپ ئۇچىنى پاش قىلسا بولىدۇ، ياكى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پاش قىلىش قوبۇل قىلىش تېلېفونى «12339»غا تېلېفون قىلىپ پاش قىلسا بولىدۇ. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قانۇن بويىچە پاش قىلىش ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە ئالاقىدار تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ قانۇن بويىچە پاش قىلىش ھەرىكىتىنى مەخپىي تۇتىدۇ. پاش قىلغان ئۇچۇرلار راست بولغان، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا پائال تۆھپە قوشقانلارنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى مۇكاپاتلايدۇ؛ ئەگەر پاش قىلىش نامىنى قەستەن ئويدۇرۇپ چىقارغان، يالغان ئەھۋال مەلۇم قىلغان ياكى باشقىلارغا تۆھمەت قىلغان، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلغان ياكى باشقا يامان ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان بولسا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر