باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەخستىن كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىنىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى كېلەر ئايدىن باشلاپ نۇقتىدا سىناق قىلىنىدۇ

2018.04.16 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش تارماق يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 1-مايدىن باشلاپ شاڭخەي، فۇجيەن(شيامېننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە جياڭسۇ سانائەت رايونىدا شەخستىن كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىنىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قارار قىلدى. نۇقتىدا سىناق قىلىش مۇددىتى ۋاقتىنچە بىر يىل قىلىپ بېكىتىلدى.

  نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان جايلاردىكى شەخسلەر شەخسىي سودا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەبلىغى ئىسچوتىدىن بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سودا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەھسۇلاتىغا چىقىم قىلغاندا، بەلگىلىك ئۆلچەم ئىچىدە باجدىن بۇرۇنقى كىرىمىدىن چىقىرىۋېتىلسە بولىدۇ؛ شەخسىي سودا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەبلىغى ئىسچوتىغا كىرگەن سېلىنما پايدىسىدىن ۋاقتىنچە شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىنمايدۇ؛ شەخسلەر سودا كۈتۈنۈش پۇلىنى ئالغاندا ئاندىن شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىنىدۇ. شەخسلەر دۆلەت بەلگىلىگەن پېنسىيە يېشىغا توشقاندا، ئاي ياكى يىل بويىچە سودا كۈتۈنۈش پۇلى ئالسا بولىدۇ، ئېلىش مۇددىتى پىرىنسىپ بويىچە ئۆمۈر بويى ياكى 15 يىلدىن ئاز بولمايدۇ. شەخسلەر قازا قىلسا، سۇغۇرتا توختامىدا پۈتۈشكەندەك پۈتۈن مېيىپ بولۇپ قالسا ياكى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولسا سودا كۈتۈنۈش پۇلىنى بىر قېتىمدىلا ئېلىۋالسا بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر