باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇنجى تۈركۈمدىكى جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش بېيجىڭدا بۈگۈن باشلاندى

ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش ئىسپاتى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز، ئىلتىماس قىلغاندا سىستېمىدا ئاپتوماتىك ھاسىل بولىدۇ

2018.04.16 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن سائەت نۆلدىن باشلاپ، «جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئېلىشنى توردا ئىلتىماس قىلىش سىستېمىسى» ئېچىۋېتىلدى، بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن، سىياسەت-بەلگىلىمىلەر بىلەن تونۇشۇپ، شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ «جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش مۇلازىمەت مەخسۇس ئىستونى»غا كىرىپ، ئىلتىماس قىلىش قوللانمىسىنى ئوقۇپ، ئىلتىماس قىلىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش تەكلىپى بەردى. ئىلتىماس قىلىش 14-ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدۇ.

  ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئالدى بىلەن سىستېمىدا رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاتقاندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا باغلىنىشلىق كېيىنكى تەرەپ كېيىنكى قەدەملىك جەملىمە نومۇر كۆرسەتكۈچ ئىلتىماسىغا كىرەلەيدۇ. شۇڭا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا مۇنداق ئەسكەرتتى: ئالدى بىلەن جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى توردا ئىلتىماس قىلىش سىستېمىسىدا رويخەتكە ئېلىپ تىزىملىتىپ، تىزىملاش كودىغا ئېرىشىپ ۋە بۇ تىزىملاش كودىنى ئىش ئورنى نامىدىكى ھەر بىر جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىش ئورنىغا توغرا باغلىنىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. ئىش ئورنىنىڭ رويخەتكە ئېلىپ تىزىملىتىشى شەخسلەر ئىلتىماس قىلىشنىڭ ئالدىدا قىلىنىدىغان بولغاچقا، ھەر قايسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ سىستېمىغا ۋاقتىدا تىزىملىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن يەنە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇشىغا يېتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتىپ بېرىش ئۈچۈن رويخەتكە ئېلىپ تىزىملىتىش ۋاقتىنى ياخشى ئىگىلىشى كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىش ئورنى نامىدىكى ھەر بىر ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ھەر بىر تۈرلۈك جەملىمە نومۇر كۆرسەتكۈچىنى ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تەكشۈرۈشى ۋە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ۋاقتىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ تاپشۇرۇشى كېرەك.

  ئىلتىماس قىلغۇچىلار تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ ئۇچۇرلىرىنى ئالدىن تەكشۈرۈشى كېرەك. شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى مۇنداق تەكلىپ بەردى: رەسمىي ئىلتىماس قىلىش باشلىنىشتىن ئىلگىرى، ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئىلتىماس قىلىش قوللانمىسىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چۈشىنىپ، ھەر تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەرنى تولدۇرۇش تەلىپىنى ئىگىلەپ، ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ئۇنۋاننى ئەنگە ئېلىش ئۇچۇرلىرىنى ئالدىن تەكشۈرۈشى، «ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرۈش نومۇرى» ۋە «ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىنى ئېلېكتىرونلۇق ئەنگە ئېلىش نومۇرى»غا ئېرىشىشى، ئۆي ئىجارە توختامى ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈشى ياكى ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

  ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ جەملىمە نومۇرىنى ئالدىن ھېسابلاپ بېقىشى ئۈچۈن، بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى مەخسۇس بىر يۈرۈش «جەملىمە نومۇرنى تەقلىدىي ھېسابلاش قورالى»نى چىقاردى، ئىلتىماس قىلغۇچىلار بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ھۆكۈمەت تور پونكىتىدىكى «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش مۇلازىمەت مەخسۇس ئىستونى»( www.bjrbj.gov.cn/jflh/)غا كىرىپ ھېسابلاتسا بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر