باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىرىنچى پەسىلدە كەڭ مەنىدىكى پۇلنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مۇقىم بولدى

زايوم بازىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك ئەسلىگە كەلدى

2018.04.16 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرىنچى پەسىلدە، ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىش مىقدارى 5 تىرىليون 580 مىليارت يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن بىر تىرىليون 330 مىليارت يۈەن كېمەيگەن. 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئىجتىمائىي كاپىتال كۆلىمىنىڭ ساقلانما مىقدارى 179 تىرىليون 930 مىليارت يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.5 ئاشقان. 3-ئاينىڭ ئاخىرى، كەڭ مەنىدىكى پۇل (M2 )نىڭ قالدۇق مىقدارى 173 تىرىليون 990 مىليارت يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.2 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرى ۋە ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 0.6 پىرسەنت پوئېنت ۋە 1.9 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەن بولغان.

  ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى جەھەتتە، بىرىنچى پەسىلدە، كارخانا زايوم ساپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سوممىسى 537 مىليارت 100 مىليون يۈەن بولغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا 687 مىليارت 700 مىليون يۈەن ئاشقان. مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، زايوم مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنىڭ ئېشىشىدا مۇنداق ئۈچ خىل سەۋەب بار ئىكەن. بىرىنچىسى، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ، ھەر تۈرلۈك زايوملارنىڭ تارقىتىلىش ئۆسۈمى تەدرىجىي تۆۋەنلىگەن، كارخانا تارقاتقۇچىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى تەدرىجىي قويۇپ بېرىلگەن. ئىككىنچىدىن، بازارنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەنلىگەن، ئاپپاراتلارنىڭ ئىناۋەتلىك قەرىزگە بولغان تەقسىملەش خاھىشى ئاشقان. ئۈچىنچىدىن، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئەسلىدىكى غەيرىي خېرىدار چاقىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرگەن كارخانىلارنىڭ زايوم بازىرىغا قايتا كىرىش ئارزۇسى ئېشىۋاتىدۇ، بىر قىسىم ئاپپاراتلارنىڭ تەقسىملەشكە بولغان ئېھتىياجىمۇ تەدرىجىي ھالدا غەيرىي غەيرىي خېرىدار چاقىرىش ھالەتتىكى مۈلۈكتىن زايوملۇق مۈلۈككە ئۆزگەرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر