باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرەيلى

−باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغانلىقى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا (3)

2018.04.16 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. تارىخ ئەزەلدىن كونا ئەنئەنىگە ئېسىلىۋالىدىغان، ھازىرقى ھالەتتىن قانائەت قىلىدىغانلارغا ئېتىبار بەرمەيدۇ، پۇرسەت دادىل يېڭىلىق يارىتىدىغان، مەڭگۈ قانائەت قىلمايدىغانلارغا مەنسۇپ.

  «خەينەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تەپەككۇرنى يېڭىلاپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەۋزەللىكىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى نامايەندىسىگە ئايلىنىپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك».

  خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغانلىقى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەينەننىڭ پۈتۈن ئارالدا ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشىنى، تەدرىجى ئىزدىنىپ، جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈشىنى، قەدەم-باسقۇچ بويىچە ئەركىن سودا پورتى سىياسىتى ۋە تۈزۈم سىستېمىسى ئورنىتىشىنى قوللايدىغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى. خەينەننىڭ ئىسلاھات-تەرەققىياتى يەنە بىر گۈزەل باھارنى كۈتۈۋالدى. «تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش» خەينەن قاتارلىق ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلارنىڭ، ھەتتا پۈتكۈل جۇڭگونىڭ يېڭى كۈرەش نىشانىغا ئايلاندى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش داۋامىدا ۋۇجۇتقا كېلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش داۋامىدا گۈللەنگەن خەينەننىڭ چېگرادىكى بىر ئارالدىن تەرەققىي قىلىپ دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدىكى مۇھىم كۆزنەككە ئايلىنىشى دەل ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتكەنلىكى، 30 يىلدىن بۇيان دادىل ئىزدىنىپ، ئىلگىرىلەپ يول ئاچقانلىقىنىڭ مەھسۇلى. ھازىر خەينەننىڭ تەرەققىياتى يېڭى زور تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى، پۈتۈن ئارالنىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى بولۇپ قۇرۇلۇشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەينەندىن ئىبارەت ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش «تەجرىبە ئېتىزى»نى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىدۇر؛ ئەركىن سودا پورتىدىن ئىبارەت ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئېچىۋېتىش ھالىتى دەۋر خەينەنگە يۈكلىگەن مۇھىم مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچتۇر. تېخىمۇ يۇقىرى يۈكسەكلىك، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىناق رايونى، دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى، خەلقئارا ساياھەت ئىستېمالى مەركىزى، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك مۇلازىمەت كاپالىتى رايونىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىۋاتقان خەينەن چوقۇم جۇڭگو خىسلىتى، جۇڭگو سالاپىتى، جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان چىرايلىق ئىسىم كارتىسىغا ئايلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر