باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئالجىرىيەدىكى ھەربىي ئايروپىلان ھادىسىسىدە قازا قىلغانلار ئۈچۈن ئۈچ كۈن ماتەم تۇتۇلىدۇ

2018.04.12 16:30   مەنبە: خەلق تورى

ئالجىرىيەدىكى ھەربىي ئايروپىلان ھادىسىسىدە قازا قىلغانلار ئۈچۈن ئۈچ كۈن ماتەم تۇتۇلىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالجىرىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى 11- چېسلا، شۇ كۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە ئۈچ كۈن تەزىيە بىلدۈرۈلۈپ، شۇ كۈنى ھەربىي ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى بوتىفلىكا شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى ھەمدە مەملىكەت بويىچە ئۈچ كۈن ماتەم تۇتۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 13- كۈنى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى خەلقلەر ئىبادەت ۋاقتىدا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.

  11-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، ئىل 76 تىپلىق بىر ھەربىي تىرانسپورت ئايروپىلانى ئالجىرىيەنىڭ شىمالى قىسمىدىكى بىلىدا ئۆلكىسىدىكى بوۋفارىك ھەربىي ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي يېقىن ئەتراپتىكى ئېتىزغا چۈشۈپ كەتتى. نۆۋەتتە قازا قىلغانلار سانى 257 گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 10 نەپەر ئايروپىلان خادىمى بار. قازا قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەربىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى. بۇ ئالجىرىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسى.

  ئالجىرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، قوشۇمچە دۆلەت خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئىشتاب باشلىقى ئەھمەد سالىھ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·سەككىز پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپىنىڭ سالاھىيىتى قالدۇرۇلدى
    ·بېيجىڭ نوپۇسى ئەمەس ئاسپىرانت «ئىجادكارلار» ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قى…
    ·چۇڭچىڭدا كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلە ئوقۇغۇچىلىرى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا، ئوقۇش پۇ…
    ·شىنجاڭدا 2018- يىلى يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ كاپالەت مېخانىزمى ئۈچۈن بىر مىليارد ب…
    ·ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىك…
    ·3-تۈركۈم دۆلەت «10 مىڭ كىشى پىلانى»دىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئۆزگىرىشلەر
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، يالغانچىلىق قىلغانلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قۇ…
    ·مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇيدۇ