باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دېڭىز ئارمىيەسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2018.04.13 15:41   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دېڭىز ئارمىيەسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى دەۋردە يەلكەن كۆتۈرۈلۈپ، يېڭى مۇساپە باشلاندى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېت 12-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، نەنخەي دېڭىزى تەۋەسىدە داغدۇغىلىق دېڭىز ئۈستى ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈپ، خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يېپيېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قەتئىي ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قىسىمنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر مۇساپىسىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈرىشىدە قۇدرەتلىك خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنى قۇرۇپ چىقىش ۋەزىپىسى ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك تەخىرسىز بولۇپ باقمىغان. يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېڭىز ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، دادىللىق بىلەن ھالقىپ ئۆتۈپ، خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دېڭىز ئارمىيەسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىش كېرەك.

  خەينەن رەڭدار تۈسكە كىرىپ، نەنخەي دېڭىزى دولقۇنلايتتى. سائەت 9 ئەتراپىدا شى جىنپىڭ دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم قوغلىغۇچى پاراخوت تارماق ئەترىتى پىرىستانىغا كېلىپ، كۆزدىن كەچۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان «چاڭشا» ناملىق پاراخوتقا چىقتى. كۆزدىن كەچۈرۈش پاراخوتىغا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئالىي مۇراسىمدا ئېسىلىدىغان خەۋەرلىشىش بايرىقى ئېسىلدى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق، «1-ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىقى جەۋلان قىلىپ تۇراتتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. شى جىنپىڭ ئۇچۇش پالوبىسىدا ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئارقىدىن، كۆزدىن كەچۈرۈش پاراخوتى گۈدۈك چېلىپ قوزغىلىپ، قوغدىغۇچى پاراخوتنىڭ مۇھاپىزەت قىلىشى بىلەن ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلىدىغان دېڭىز تەۋەسىگە قاراپ ئىلگىرىلىدى.

  مۇشۇ پەيتتە خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 48 ئۇرۇش پاراخوتى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىدى، 76 ئۇرۇش ئايروپىلانى كۆكتە پەرۋاز قىلدى، 10 مىڭدىن كۆپرەك ئوفىتسېر-ئەسكەر مەردانە ھالدا تەق بولدى... بۇ، يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ دېڭىز ئۈستى ھەربىي پارات بولۇپ، خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى قىياپىتىنى نامايان قىلدى.پاراخوت ئاق بۇژغۇن ئۆرلىتىپ ئىلگىرىلىدى... كۆپكۆك دېڭىزدا شۇڭغۇپ كېتىۋاتقان ھەيۋەتلىك پاراخوت ئىزىغا 70 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بوشاشماي كۈرەش قىلىش روھى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان قۇدرەت تاپقان خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ غايەت زور نەتىجىسى نامايان قىلىندى.

  سائەت 10دىن ئاشقاندا كۆزدىن كەچۈرۈش پاراخوتى بەلگىلەنگەن دېڭىز تەۋەسىگە يېتىپ كەلدى. دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى شېن جىنلۇڭ، سىياسىي كومىسسارى چىن شېڭشياڭ دېڭىز ئۈستى ئەترىتىنىڭ تەييار بولغانلىقىنى دوكلات قىلدى، شى جىنپىڭ پاراتنى باشلاش بۇيرۇقى بەردى.

  جۇشقۇن پارات مارشىغا ئەگىشىپ، ھەربىي پاراتقا قاتناشقان پاراخوتلار ئۇرۇش قىلىش گۇرۇپپىسى بويىچە ئىستراتېگىيەلىك زەربە بېرىش، سۇ ئاستىدا ھۇجۇم قىلىش، يىراق ئوكياندا ئۇرۇش قىلىش، ئاۋىياماتكا ئارقىلىق زەربە بېرىش، ھەم قۇرۇقلۇقتا، ھەم دېڭىزدا ئۇرۇش قىلىش، يېقىن دېڭىزدا مۇداپىئەلىنىش، ئۇنىۋېرسال كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت يەتتە ئۇرۇش قىلىش توپى بولۇپ تەشكىللىنىپ، تاغنى تالقان قىلىشتەك ھەيۋىسى بىلەن دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىدى. ھەربىي پاراتقا قاتناشقان ئايروپىلان گۇرۇپپىسى پاراخوت تىك ئۇچار ئايروپىلانى، چۆكمە پاراخوتقا قارشى ئۇرۇش قىلىش، سىگنال بېرىپ قوماندانلىق قىلىش، يىراق دېڭىزدا ئۇرۇش قىلىش، دېڭىزدا تۇيۇقسىز زەربە بېرىش، يىراقتىن ياردەم بېرىپ مۇھاپىزەت قىلىش، ھاۋا بوشلۇقىنى كونترول قىلىپ ئۇرۇش قىلىش قاتارلىق ئون ھاۋا ئەترىتى بولۇپ تەشكىللىنىپ، ھەربىي پاراتقا قاتناشقان پاراخوت ئەترىتى ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·سەككىز پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپىنىڭ سالاھىيىتى قالدۇرۇلدى
    ·بېيجىڭ نوپۇسى ئەمەس ئاسپىرانت «ئىجادكارلار» ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قى…
    ·چۇڭچىڭدا كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلە ئوقۇغۇچىلىرى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا، ئوقۇش پۇ…
    ·شىنجاڭدا 2018- يىلى يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ كاپالەت مېخانىزمى ئۈچۈن بىر مىليارد ب…
    ·ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىك…
    ·3-تۈركۈم دۆلەت «10 مىڭ كىشى پىلانى»دىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئۆزگىرىشلەر
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، يالغانچىلىق قىلغانلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قۇ…
    ·مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇيدۇ