باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتى دۇنيانى بەھرىلەندۈردى

123-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ سودا يەرمەنكىسى باشلاندى

2018.04.16 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 123-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلار سودا يەرمەنكىسى 15-ئاپرىل گۇاڭجۇدا باشلاندى، بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ سودا يەرمەنكىسىگە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن 24 مىڭ 554 كارخانا-شىركەت قاتناشقان بولۇپ، كۆرگەزمىنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 1 مىليون 185 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، كۆرگەزمىنىڭ يايما ئورنى 60 مىڭ 475كە يېتىدۇ.

  بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئىمپورت كۆرگەزمە رايونى ئالتە تاۋارلار رايونىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بۇنىڭغا 34 دۆلەتتىن كەلگەن 617 كارخانا قاتناشتى. بۇنىڭ ئىچىدە «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى رايونىدىكى 21 دۆلەتتىن كەلگەن 382 كارخانا بار، ئۇكرائىنا، مىسىر، تۈركىيە قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەر دۆلەت كۆرگەزمە ئۆمىكى شەكلىدە كۆرگەزمىگە قاتناشتى.

  گۇاڭجۇ سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، جۇڭگو تاشقى سودا مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ بىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 2007-يىلى 101-نۆۋەتلىك گۇڭجۇ سودا يەرمەنكىسىدە ئىمپورت كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، جەمئىي 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق كارخانا كۆرگەزمىگە قاتناشتى. بۇ قېتىملىق گۇاڭجۇ سودا يەرمەنكىسىدە تۇنجى بولۇپ «خەلقئارا كۈندىلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار ساغلاملىق سانائىتى توپى» شەكىللىنىپ، بۇنىڭغا ئامېرىكا، فىرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانىك كۈندىلىك خىمىيىۋى بۇيۇملار سانائىتى كارخانىلىرى قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر