باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قىشلىق-ئەتىيازلىق ساياھەت خەلقئارالىق سۈرەت بايرىمى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 0 دە ئەسەر قوبۇل قىلىشنى توختىتىدۇ

2018.04.12 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، مۇخبىرنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قىشلىق-ئەتىيازلىق ساياھەت خەلقئارالىق سۈرەت بايرىمى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ سۈرەت بايرىمى دەپ ئاتىلىدۇ) تەشكىلىي كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، سۈرەت بايرىمىنىڭ ئەسەر قوبۇل قىلىش ۋاقتى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت نۆلدە ئاخىرلىشىدىكەن.

  «4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەسەر توپلاشنى توختاتقانغا قەدەر، بۇ مۇسابىقىگە 2000 پارچىدەك ئەسەر قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىن». تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ تۈر مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سۈرەت بايرىمى «قوش مۇسابىقە» شەكلىدە بولۇپ، ئۇ سۈرەتكە ئېلىش مۇسابىقىسى ۋە قىسقا سىن فىلىم مۇسابىقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ تىزىمغا ئالدۇرۇش، تاللاش ۋە ئېتىراپ قىلىش، توردا بېلەت تاشلاش، مۇتەخەسسىسلەر باھالاش، ئېلان قىلىپ مۇكاپاتلاش قاتارلىق ئالتە باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ.

  نۆۋەتتە، «قوش مۇسابىقە» بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇش ئاخىرقى باسقۇچغا كىردى، تىزىملىتىش 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، ئۇندىن كېيىن توردا بېلەت تاشلاش باسقۇچىغا كىرىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، توردا بېلەت تاشلاش سۇپىسى قۇرۇلۇپ، سىناق قىلىنىپ تەييار قىلىنغان. تىزىملىتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تورداشلار توردا بېلەت تاشلاش سۇپىسى ئارقىلىق مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ئۈچۈن بېلەت تاشلىسا بولىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تورداشلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى گۈزەل مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈش، توردا زىيارەت قىلىش مەقسىتىگە يېتەلەيدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر