باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چېن شى مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ تەيجياڭدىكى نامراتلارنى نۇقتىدا يۆلەش ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى قىلىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك

2018.04.12 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېن شى 9-ئاپرېلدىن 11-ئاپرېلغىچە گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ تەيجياڭ ناھىيەسىدە نامراتلارنى نۇقتىدا يۆلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تىكلەپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، نامراتلارغا ياردەم بېرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى قىلىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  چېن شى تەيجياڭ ناھىيەسىنىڭ ئىنتايىن نامرات يېزا-بازار فاڭجاۋ بازىرىغا بېرىپ، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى زاۋۇتىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتى، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، قانچىلىك نامرات ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلغانلىقى، كىرىمىنىڭ قانچىلىكلىكىنى سورىدى. فاڭجاۋ بازىرىنىڭ جياۋۋاڭ كەنتى، فەنپەي كەنتى ۋە پەيياڭ يېزىسىنىڭ فۇچياڭ كەنتىدە يېزا ساياھەتچىلىكى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، مياۋزۇ مەدەنىيىتىنى قوغداپ ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئەنئەنىۋى مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئەھۋاللىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، نامرات ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىپ ھال سوراپ، نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى، تۈرى، مەبلىغىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقى، تۇرمۇشتا يەنە قانداق قىيىنچىلىقى بارلىقىنى سورىدى؛ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئۆگىنىش ۋە پائالىيەت ئەھۋالى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئۇلارنى ئاممىنىڭ ياخشى سىردىشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش باشلامچىسى بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى. چېن شى يەنە ناھىيەلىك مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە خەلق دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، مائارىپ، داۋالاش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مائارىپ، داۋالاشقا ياردەم بېرىش ئىختىساسلىقلىرىنى يوقلاپ، ئۇلارنى نامرات ئاممىنىڭ بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، كېسەل بولغانلار داۋالىنالايدىغان بولۇشىغا كۆپرەك تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر