باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز سۇرىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى بىخەتەر، دېدى

2018.04.16 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز سۇرىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى بىخەتەر، دېدى

  بۈگۈن چۈشتىن كېيىن، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز ئىزچىل خەلقئارا مۇناسىۋەتتە قورال ئىشلىتىشكە قارشى تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز. خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئەگىپ ئۆتۈپ قوللانغان ھەرقانداق بىر تەرەپلىك ھەربىي ھەرىكەت «ب د ت نىزامنامىسى»نىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا زىت، خەلقئارا قانۇن پىرىنسىپى ۋە ئاساسىي مىزانىغا خىلاپ ھەم شۇنداقلا سۇرىيە مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا قارىتا يېڭى، مۇرەككەپ ئامىللارنى ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو ئالاقىدار تەرەپلەرنى خەلقئارا قانۇن رامكىسى ئىچىگە قايتىپ كېلىپ، سۆھبەت ئارقىلىق مەسىلىنى كېڭىشىپ ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. سۇرىيەنى خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغان دېگەن گۇمانغا قارىتا، ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئوبيېكتىپ تەكشۈرۈپ، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئىشەنچلىك يەكۈنگە ئېرىشىشكە دەۋەت قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇن، نەتىجىگە ھەر قايسى تەرەپلەر ئالدىن ھۆكۈم قىلالمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر