4-ئاينىڭ 14-كۈنى، سۇرىيە دەمەشقنىڭ شەرقىي چېتى شەرقىي غۇتا رايونىدىكى دۇما بازىرىدا، سۇرىيە ساقچى قىسىم ئەسكەرلىرى غەلىبىسىنى تەبرىكلىمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۇرىيە ھەربىي تەرەپ 14-ئاپرىل بايانات ئېلان قىلىپ، دەمەشقنىڭ شەرقىي چېتىدىكى شەرقىي غۇتا رايونىنى ئومۇمىيۈزلۈك قايتۇرۋالغانلىقىنى جاكارلىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرنىڭ شەرقىي غۇتا رايونىدىكى دۇما بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىشىغا ئەگىشىپ، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى نۆۋەتتە شەرقىي غۇتا رايونىنى ئومۇميۈزلۈك ئازاد قىلدى، «ھەربىي تەرەپ زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، پۈتكۈل شەرقىي غۇتا رايونىدىكى تېررورىزم تازىلاپ چىقىرىلدى».
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى