باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ-خيۇستون-پاناما شەھىرى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى

2018.04.17 08:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى يېقىندا بېيجىڭ - خيۇستون - پاناما شەھىرىگە قاتنايدىغان بىر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تەسىس قىلدى. جۇڭگو بولسا، پانامانىڭ يەر شارى مىقياسىدىكى ئىككىنچى چوڭ سودا ھەمراھى، شۇنداقلا پاناما قانىلىنىڭ ئىككىنچى چوڭ خېرىدارى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى ئىككى دۆلەت يولۇچىلىرىنىڭ سەپىرىنىڭ تېخىمۇ قولايلىق بولۇشىنى تەمىن ئېتىدۇ، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىگە بولغان تىرانسپورت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. نۆۋەتتە، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئامېرىكا قىتئەسى رايونىدا (كېننىدى، نېۋارك)، ۋاشىنگتون، لوس ئانجېلېس، سان فىرانسىسكو، سان خوسې، ھاۋاي، ۋانكۇۋېر، مونترېئال، ھاۋانا ۋە سان پاۋلو قاتارلىق 12 لىنىيە نۇقتىسىغا ئىگە بولۇپ، ئۇ ھەر ھەپتىدە يولۇچىلارنى 200دىن ئارتۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر