باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ئالتە شەھەر «2018- يىلى جۇڭگودىكى 100 شەھەرنى ساياھەت قىلىش»تىكى تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى

2018.04.16 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئاينىڭ 13-كۈنى ئېچىلغان "جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال رايونلىرىنىڭ ساياھەت تىجارىتى" سەرلەۋھەلىك يىغىندا، «2018-يىلى جۇڭگودىكى 100 شەھەرنى ساياھەت قىلىش»تىكى تىزىملىك رەسمىي ئېلان قىلىندى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى شەھەرلەردىن بېيجىڭ، خاڭجۇ، شىئەن ۋە يىنچۈەن قاتارلىق 100 داڭلىق شەھەر ساياھەت قىلىشتىكى شەھەرلەر تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى. شىنجاڭدىكى بېيتۈن شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە قاراماي شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەر مەزكۇر تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.

  شەھەرلەر بولسا، ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان ئەڭ ئاساسلىق كۈچ، شۇنداقلا ساياھەتچىلەر توپلىشىدىغان ۋە تارقىتىلىپ يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغان ئاساسلىق جايلار ھېسابلىنىدۇ. ئاممىنىڭ ساياھەتكە چىقىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، غەربىي شىماللىقلارنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەرنى ساياھەت قىلىشى ۋە ئىچكى ئۆلكىدىكىلەرنىڭ غەربىي شىمالغا بېرىپ ساياھەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىش ئۈچۈن، بۇ نۆۋەتلىك ساياھەت تىجارىتى يىغىنىدا ساياھەتچىلەر ۋە ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ئارزۇسى كەڭ دائىرىلىق ھالدا توپلاندى، ھەمدە «2018-يىلى جۇڭگودىكى 100 شەھەرنى ساياھەت قىلىش» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدىغان شەھەرلەر باھالاپ چىقىلىپ، جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان بۇ تىزىملىك تۈزۈپ چىقىلدى. دېڭىز ئۈستى يىپەك يولىدىكى شەھەرلەردىن فۇجۇ، چۈەنجۇ، شيامېن ۋە گۇاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەر ۋە قۇرۇقلۇقتىكى يىپەك يولى بويلىرىدىكى شەھەرلەردىن شىئەن، لەنجۇ، جيۇچۈەن ۋە بوربۇلاق قاتارلىق شەھەرلەر مەزكۇر تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى، ھەمدە چېڭدۇ، خاڭجۇ، سۇجۇ ۋە سەنيا قاتارلىق راھەتچە ساياھەت قىلىش شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى، بىر تۈركۈم يېڭىدىن گۈللەنگەن ساياھەت شەھەرلىرىمۇ مۇشۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.

  شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى مول بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى ياخشى بولغان تەرەققىياتقا ئېرىشتى. شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى، ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپلىگەن ساياھەت كارخانىلىرى ۋە ئورۇنلىرى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، كۆپ تەرەپلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى يۇغۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن يىپەك يولى بويىدىكى ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلارنىڭ ساياھەت ماركىسى ۋە ئەمەلىي ئىقتىدارىنىڭ ئورتاق زورىيىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىپەك يولىدىكى ساياھەت ماركا بازىرىنىڭ ھاياتى كۈچى، يادرولۇق رىقابەت كۈچى ۋە بازار تەسىر كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر