باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيەدە 3000دىن ئارتۇق 731-قىسىم ئەزالىرىنىڭ ئۇچۇرى تۇنجى قېتىم ھەقىقىي نامى بىلەن ئاشكارىلاندى

2018.04.17 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 16-ئاپرىلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيەدىكى بىر ئەلئارا ئۇيۇشما يېقىندا، ياپونىيە دۆلەتلىك ھۆججەتخانىسىنىڭ بۇ ئۇيۇشمىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن 731-قىسىمنىڭ تىزىملىك دەپتىرى مەزمۇنىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە بۇ قىسىمدىكى 3607 ئەزانىڭ ھەقىقىي ئىسمى ۋە شەخسىي ئۇچۇرلىرى بار ئىكەن. بۇ، ياپونىيەدە تۇنجى قېتىم 731-قىسىم ئەزالىرى ئۇچۇرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئاشكارىلىنىشى ئىكەن.

  بۇ ئەلئارا ئۇيۇشمىنىڭ ئىسمى «مانجۇرىيە 731-قىسىم يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ھەربىي دوختۇر ئوفىتسېرلارنىڭ ئوقۇش ئۇنۋانىغا قارىتا پايتەختتىكى چوڭ تەكشۈرۈش ئۇيۇشمىسى» بولۇپ، ياپونىيە ئىلىم ساھەسىدىكى كۆپلىگەن ئۇقۇمۇشلۇق زاتلاردىن تەشكىللەنگەن. بۇ ئۇيۇشمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، دۆلەتلىك ھۆججەتخانا 14-ئاپرىل بۇ ئۇيۇشمىغا 731-قىسىمنى مەركەز قىلغان «كانتون ئارمىيەسىنىڭ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش قىسىمى»نىڭ تىزىملىك دەپتىرى مەزمۇنىنى ئاشكارىلىغان. بۇ تىزىملىك دەپتەردە 3607 نەپەر كىشىنىڭ ھەقىقىي ئىسمى ۋە شەخسىي ئۇچۇرلىرى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 731-قىسىمنىڭ يادرولۇق ئەزالىرىدىن 52 ھەربىي دوختۇر ۋە 49 تېخنىكنىڭ ئۇچۇرى بار ئىكەن. ئاتالمىش «تېخنىك» ياپونىيەدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىن كەلگەن نوپۇزلۇق ئىلىم ئەھلىلىرى بولۇپ، ھەربىي دوختۇرلارغا ئوخشاش يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار قاتلىمىغا تەۋە ئىكەن، ئۇلار 731-قىسىمدىكى بىيولوگىيەلىك قوراللارنى تەتقىق قىلىدىغان مەركىزى كۈچ ئىكەن.

  بۇ ئۇيۇشمىنىڭ ئۇيۇشما ئىشلىرى باشلىقى، شىكاگېن تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي پىروفېسسورى نىشىياما كازو ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ياپونىيەدە 731-قىسىم ئەزالىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى بۇ خىل كۆلەمدە ھەقىقىي نامى بىلەن ئاشكارىلىشى تېخى تۇنجى قېتىملىقى، بۇ ھەم قولىدا دەلىل-ئىسپاتى بار مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىنى ئىسپاتلاشتىكى قىممەتلىك پاكىت، شۇنداقلا تارىخىي ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن ئالدىغا قاراپ تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر