باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى: 1- پەسىلدە پۈتۈن مەملىكەتتە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىدە بىر ياخشى باشلىنىش بولدى

2018.04.17 14:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16- ئاپرېل، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى 2018- يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. ئەھۋالدىن قارىغاندا، 2018- يىلى 1- پەسىلدە پۈتۈن مەملىكەتتە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىدە بىر ياخشى باشلىنىش بولغان.

  جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە: 2018- يىلى 1- پەسىلدە، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا، يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنىڭ ئومۇمىي مىقدارى، بىر قەدەر چوڭ ھادىسىلەر ۋە زور ھادىسىلەر دېگەندەكلەر بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن «ئۈچتە تۆۋەنلەش» ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، كۆپ قىسىم ساھە ۋە كۆپ قىسىم رايونلاردا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى بىرقەدەر ياخشى بولغان، بولۇپمۇ 1- پەسىلدە مەملىكەت بويىچە پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈز بەرمىگەن، 3- ئايدا مەملىكەت بويىچە چوڭ ھادىسە يۈز بەرمىگەن، مەملىكەت بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولغان.

  جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى ئىستاتىستىكا مەھكىمىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2018- يىلى 1- پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە ئائىت تۈرلۈك ۋەقەلەردىن 8490ى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا 6329 ئادەم قازا قىلغان، بۇ نىسبەت بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %16.2 ۋە %12 تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، زور ھادىسىدىن تۆتى يۈز بېرىپ، 43 ئادەم قازا قىلغان، بۇ نىسبەت ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %42.9 ۋە %50.6 تۆۋەنلىگەن؛ بىر قەدەر چوڭ ھادىسىدىن 135 ى يۈز بەرگەن، 558 ئادەم قازا قىلغان، بۇ نىسبەت ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %9.4 ۋە %2.8 تۆۋەنلىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر