باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارىنى بىلدۈردى

2018.04.20 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ما شياۋگۇاڭ 19-ئاپرىل، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ «ئارالنى ئايلىنىپ ئۇچقانلىقى» توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى تەيۋەن بوغىزىنىڭ تىنىچلىقى، مۇقىملىقىغا ئەڭ چوڭ رېئال تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار بۇنىڭغا ھوشيار بولۇشى لازىم. بىز ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك سۇيىقەستىگە ۋە سۆز-ھەرىكىتىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز، تەيۋەننى جۇڭگودىن ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇنغان ھەرقانداق سۇيىقەست چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ. ھەر قانداق كىشى، ھەرقانداق كۈچ بىزنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىمىز ۋە كۈچلۈك ئىقتىدارىمىزنى بوش چاغلىمىسۇن.

  بىر مۇخبىر: «ھاۋا ئارمىيىسى يېقىندا ئۇدا، كۆپ تىپلىق كۆپ ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ <ئارالنى ئايلىنىپ ئۇچۇش>، ئەمەلىي جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى سىناش ھەرىكىتىنى تەشكىللىدى ھەمدە يەنە داۋاملىق تەشكىللىمەكچى. جامائەت پىكىرلىرى مۇنداق قارىماقتا، بۇ چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدا 18-ئاپرىل ھەربىي مانېۋىر قىلغانلىقىدىن باشقا، تەيۋەن مەمۇرىي ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى لەي چىڭدېنىڭ <تەيۋەن مۇستەقىللىقى> بايانىغا ۋە ئارالدىكى <تەيۋەن مۇستەقىللىقى> بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارىتا يەنىمۇ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگىنىمۇ؟ باياناتچىنىڭ ئىزاھات بېرىشىنى سورايمىز.» دەپ سورىغان. بۇ سوئال-جاۋابلارغا ما شياۋگۇاڭ يۇقارىقىدەك جاۋاب بەرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر