خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-ئاپرېل خەلق سارىيىدا دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ رەئىسى شىۋاب بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، دۇنيا ئىقتىسادىدا قىسمەن ئىجابىي ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن دۇچ كەلگەن نۇرغۇن مەسىلىلەر تېخى تۈپتىن ھەل بولمىدى. بۇلتۇر مەن داۋوستا تىلغا ئالغان دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش تۈرتكىسى يېتەرلىك بولماسلىق، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش ئارقىدا قېلىش، دۇنيا تەرەققىياتى تەڭپۇڭ بولماسلىقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈپ زىددىيەت يەنىلا بىر قەدەر گەۋدىلىك. يېقىندىن بۇيان، دۇنياۋىلىشىشقا قارشى ئېقىم ۋە قورۇقچىلىق كەيپىياتى ئەۋج ئېلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى خەۋپ-خەتەر ۋە ئېنىقسىزلىقنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. 4-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنە نۇرغۇن خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلار مەۋجۇت. ھازىر دۇنيادىكى شۇنچە كۆپ مەسىلە ۋە خىرىسلارغا يەنىلا باراۋەر كېڭىشىپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش كېرەك. تارىخ شۇنى قايتا ئىسپاتلىدىكى، بېكىنمىچىلىك ئاخىرىدا تۇيۇق يولغا باشلايدۇ، ئېچىۋېتىپ ھەمكارلاشقاندىلا، يول بارغانسېرى كېڭىيىدۇ. چوڭ دۆلەتلەر بۇ جەھەتتە مۇھىم ۋە ئالاھىدە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ئېچىۋېتىش داۋامىدا ھەمكارلىشىپ، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق تەڭ مەنپەئەتلىنىپ، دۇنيانىڭ پارلاق، مۇقىم، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشتا ئاكتىپ رول ئويناپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئاخىرلاشقان بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىدا، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلىرىنى جاكارلىدىم. بىز چوقۇم دېگىنىمىزنى قىلىمىز، قىلغان ئىشىمىزدا چوقۇم نەتىجە قازىنىمىز، چۈنكى بۇ بىزنىڭ جۇڭگو خەلقىگە، دۇنيا خەلقىگە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىمىز.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى