خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى سىياسەت، قانۇن-نىزام مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يەن مىڭچى 18-ئاپرېل خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرمىغان دەپ ئالاھىدە بەلگىلەنگەن كىشىلەرنىڭ پۇقراۋى ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرىگە ئولتۇرۇشىنى بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە مۇۋاپىق چەكلەپ، ئىجتىمائىي سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «پىكىر» دېيىلدى)گە دۆلەت ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ باشلامچىلىقىدا، خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى قاتارلىق يەتتە تارماق بىرلىشىپ ئىمزا قويدى، 1-مايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، ئايرودروم ياكى ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرى ئىچىدە توققۇز تۈرلۈك قىلمىشنى سادىر قىلىپ، ج خ ئورگىنى تەرىپىدىن مەمۇرىي جازا بېرىلگەن ياكى جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن يولۇچىلار بىر يىلغىچە پۇقرالار ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرىغا ئولتۇرالمايدۇ.
«پىكىر» ئاساسلىقى ئالتە جەھەتتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، پۇقرالار ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرىغا ئولتۇرۇشى مەنئىي قىلىنىدىغانلارنىڭ دائىرىسى، ئۇچۇرلارنى توپلاش ۋە ئېلان قىلىش، تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش، ھوقۇق ياردىمى ۋە ئالاقىدار تەشۋىقات قاتارلىق ئىشلارغا قارىتا بەلگىلىمە چىقىرىلدى. «پىكىر» دە مۇنۇلار بەلگىلەندى: «ئايرودروم ياكى ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرى ئىچىدە تۆۋەندىكى توققۇز تۈرلۈك قىلمىشنى سادىر قىلىپ، ج خ ئورگىنى تەرىپىدىن مەمۇرىي جازا بېرىلگەن ياكى جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن يولۇچىلار بىر يىلغىچە پۇقرالار ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرىغا ئولتۇرالمايدۇ. كونكرېت توققۇز تۈرلۈك قىلمىش تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئاۋىئاتسىيە ھاۋا مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان ساختا تېررورلۇق ئۇچۇرىنى توقۇپ چىققان ۋە قەستەن تارقاتقانلار؛ باشقىلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان كىملىكى، ئىسپاتىنى ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغانلار؛ ئاپپاراتتا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش پۇكىيى، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش يولى، ئايروپىلانغا چىقىش ئېغىزى (يولى) نى توسىۋالغان، زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋالغان، ھۇجۇم قىلغانلار؛ دۆلەت قانۇن-نىزاملىرىدا بەلگىلەنگەن خەتەرلىك بۇيۇملار، چەكلەنگەن بۇيۇملار ۋە نازارەت قىلىنىدىغان بۇيۇملارنى ئېلىپ ماڭغانلار ياكى توشۇشقا ھاۋالە قىلغانلار؛ ئېلىپ ماڭغان ياكى توشۇشقا ھاۋالە قىلغان يۈك-تاقلار ئىچىگە دۆلەت بەلگىلىگەندىن باشقا پۇقرالار ئاۋىئاتسىيەسىدە مەنئى قىلىنغان، توشۇش چەكلەنگەن بۇيۇملارنى قەستەن يوشۇرۇپ قويغانلار؛ زورلۇق بىلەن چىققان، ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرىنى توسقان، مەجبۇرىي بۆسۈپ كىرگەن ياكى ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىسىنىڭ ھەيدەش بۆلۈمى، ئۇچۇش يولى ۋە ئايروپىلان سۇپىسىغا زورلۇق بىلەن بۆسۈپ كىرگەنلەر ياكى ھۇجۇم قىلغانلار؛ ئايروپىلان گۇرۇپپىسى، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش، مەشغۇلات قىلىش ئاپپاراتى قاتارلىق جايلاردا پۇقرالار ئاۋىئاتسىيە خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ ياكى باشقىلارنى شۇنداق قىلىشقا قۇترىتىپ، جىسمانىي جەھەتتىن ھۇجۇم قىلغان ياكى تەھدىت سالغانلار؛ ئورۇندۇق، يۈك-تاق جازىسىنى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋالغان، ئۇرۇشۇپ، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقارغان، ئاۋىئاتسىيە ئەسۋابلىرى ياكى ئاۋىئاتسىيە ئەسلىھەلىرى، ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلارنى بۇزىۋەتكەنلەر، ئوغرىلىغانلار، ئۆز مەيلىچە ئاچقانلار، يولۇچىلار بۆلۈمچىسى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار؛ ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرى ئىچىدە ئوچۇق يالقۇن ئىشلىتىپ، تاماكا چېكىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىپ، نەسىھەتكە قۇلاق سالمىغانلار؛ ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرى ئىچىدە باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئوغرىلىغانلار».
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى