باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تەپتىش مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرزى سۇنغانلىقتىن، پاك گيۇنخۇي دېلوسىغا ئىككىنچى سوت ئېچىلىدۇ

پاك گيۇنخۇي نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشتىن ۋاز كەچتى

2018.04.18 13:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى پاك گيۇنخۇي 16-ئاپرىل سېئۇل مەركىزىي يەرلىك سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز قىلىشتىن ۋاز كېچىش باياناتنامىسى تاپشۇردى، لېكىن تەپتىش مەھكىمىسى ئالدى بىلەن نارازىلىق ئەرز سۇنغانلىقتىن، پاك گيۇڭخۇينىڭ «يېقىنلىرى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىش» دېلوسىغا يەنىلا ئىككىنچى سوت ئېچىلىدۇ.

  سېئۇل مەركىزىي يەرلىك سوت مەھكىمىسى 6-ئاپرىل بىرىنچى سوتتا، تەپتىش مەھكىمىسى پاك گيۇنخۇينى ئەيىبلىگەن 18 تۈرلۈك جىنايەت ئىچىدە پارا ئېلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، كارخانىلارغا تەھدىت سېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 يادرولۇق جىنايەتنىڭ تۇرغۇزۇلىدىغانلىقى بېكىتىلدى، بۇنىڭ بىلەن پاك گيۇنخۇي 24 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى ۋە 18 مىليارد ۋون جەرىمانە (تەخمىنەن 106 مىليون يۈەن خەلق پۇلى) جەرىمانە قويۇلدى. سېئۇل مەركىزىي يەرلىك تەپتىش نازارىتى 11-ئاپرىل نارازىلىق ئەرزى سۇنغانلىقتىن، دېلوغا سېئۇل ئالىي سوت مەھكىمىسىدە ئىككىنچى سوت ئېچىلىدۇ. تەپتىش ئورگىنى پاك گيۇنخۇينىڭ قىسمەن پارا ئېلىش ئەيىبنامىسىنىڭ تۇرغۇزۇلمىغانلىقىغا باشقىچە پىكىردە بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئومۇمىي جازا ئۆلچەش مۇۋاپىق بولمىدى، دەپ قارالدى.

  پاك گيۇنخاي بۇ يىل 66 ياشتا بولۇپ، 2013-يىلى 2-ئايدا كورېيە تارىخىدىكى تۇنجى ئايال زۇڭتۇڭ بولۇپ قالدى، 2017-يىلى 3-ئايدا ئەيىبلىنىپ تەختتىن چۈشتى، شۇ يىلى 4-ئايدا تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. ئۇ كورېيەنىڭ ئەيىبلىنىپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان تۇنجى زۇڭتۇڭى بولۇپ قالدى. ئۇ يەنە كورېيەدىكى خىزمەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، چىرىكلىك جىنايىتى بىلەن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۈچىنچى زۇڭتۇڭ. كورېيەنىڭ ۋەزىپىسىدىن بوشانغان زۇڭتۇڭى چۇن دوخۈەن، رو تايۋو 1996- يىلى ئايرىم-ئايرىم ئۆلۈم جازاسى ۋە 22 يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، 1997-يىلى شۇ ۋاقىتتىكى زۇڭتۇڭ كىم يوڭسان تەرىپىدىن ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر