باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەر ياخشى مۇھىت، قولاي مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولدى

2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە چەت ئەلدە ئوقۇغانلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى 351 گە يەتتى، باغچىغا كىرگەن كارخانا 23 مىڭدىن ئاشتى

2018.04.18 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىمىزچە، 2017-يىلى ئېلىمىزدىكى چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلار ئومۇمىي سانى 608 مىڭ 400 گە، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلار ئومۇمىي سانى 480 مىڭ 900 غا يېتىپ، يېڭى رېكورت يارىتىلغان. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتىدۇ، سۇپا قۇرۇش، پائالىيەت ئۆتكۈزۈش، قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، چەت ئەلدە ئوقۇغانلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ ئىگىلىك تىكلىشى، يېڭىلىق يارىتىشىغا قولايلىق شارائىت يارىتىلدى. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە چەت ئەلدە ئوقۇغانلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى 351 گە يېتىپ، 2016-يىلىدىكىدىن تۆتى كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلكە، مىنىستىرلىقلار ئورتاق قۇرغان ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى 49 ؛ باغچىغا كىرگەن كارخانا 23 مىڭدىن ئېشىپ، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقان 86 مىڭ ئوقۇغۇچى باغچىدا ئىگىلىك تىكلەپ، 2016-يىلىدىكىدىن 7000 كىشى كۆپەيدى. 2017-يىلى، تېخنىكا، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودىدىن قىلىنغان ئومۇمىي كىرىم 322 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2016-يىلىدىكىدىن 73 مىليارد 600 مىليون يۈەن ئاشتى.

  2017-يىلى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنى باشلانمىسىدا قوللاش پىلانى، چەت ئەلدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ۋەتەنگە خىزمەت قىلىش ھەرىكەت پىلانى قاتارلىق ئىختىساسلىقلار تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە يولغا قويۇپ، جەمئىي 172 تۈر، كوللېكتىپ ياكى شەخسنى تاللاپ، 28 مىليون 470 مىڭ يۈەن ياردەم بەردى. مەملىكەت بويىچە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى چەت ئەلدە ئوقۇغان 43 مىڭ تۈرلۈك ئىختىساسلىقنى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشكە جەلب قىلىپ، 33 مىڭ تۈر بىلەن ئىختىساسلىقلار، مەبلەغنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. دۆلەتنىڭ «1000كىشىلىك پىلان» مۇلازىمەت كۆزنىكى ۋىزا، تۇرۇش، ئولتۇراقلىشىش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى 900 ئادەم/قېتىمدىن ئارتۇق بېجىرىپ، 2500 قېتىمدىن ئارتۇق مەسلىھەت بەردى. جۇڭگو چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىتتىپاقىغا ئەزا ئورۇنلار 117 گە يەتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر