باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇقلۇق كۆلىمىنىڭ %15ىنى ئىگىلەيدۇ

دالا قىزىل ئىبىسى، گۇيجۇ سېرىق ياللىق مايمۇنى قاتارلىق نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋانلارنىڭ تۈر توپى ئۈزلۈكسىز ئەسلىگە كەلدى

2018.04.18 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ● پۈتۈن مەملىكەتتە 2750 تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 469 ى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى

  ● مۇھاپىزەت رايونى دائىرىسى ئىچىدە %90.5 قۇرۇقلۇق ئېكولوگىيە سىستېمىسى تىپى، %85 ياۋايى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەر تۈرى، %65 ئالىي دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر تۈركۈمى قوغدىلىدۇ

  ● 80% دۆلەت دەرىجىلىك مۇھاپىزەت رايونىغا ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپارات ئورنىتىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئوقۇشىمىزچە، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ھەر خىل تىپ ۋە دەرىجىدىكى 2750 مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇلۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 147 مىليون 300 مىڭ گېكتارغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە قۇرۇقلۇق كۆلىمىنىڭ %14.88ىنى ئىگىلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 469 ى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىكەن.

  ئېلىمىزنىڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرى دائىرىسىدە 35 مىليون گېكتار تەبىئىي ئورمان ۋە تەخمىنەن 20 مىليون گېكتار تەبىئىي سۇلۇق يەر بولۇپ، %90.5 قۇرۇقلۇق ئېكولوگىيە سىستېمىسى تىپى، %85 ياۋايى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەر تۈرى، %65 ئالىي دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر تۈركۈمى قوغدىلىۋاتىدۇ، 300 خىلدىن ئارتۇق نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان ۋە 130 خىلدىن ئارتۇق نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ئۆسۈملۈك قوغدالدى.

  ئېلىمىزنىڭ چاڭجياڭ، خۇاڭخې، لەنساڭجياڭ، نۇجياڭ، يالۇڭزاڭبۇجياڭ قاتارلىق مۇھىم چوڭ دەريالىرىنىڭ ئېقىن مەنبەسىدىكى ئېكولوگىيە سىستېمىسى، شەرقىي شىمالدىكى چوڭ-كىچىك ھىنگان تاغلىرى ۋە چاڭبەيشەن تېغى رايونى، خېڭدۈەن تاغلىق رايونى قاتارلىق جايلاردىكى مۇھىم تەبىئىي ئورمان جەۋھەرلىرىنىڭ ھەممىسى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى دائىرىسىدە قوغدالدى ۋە پەرۋىش قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى ئورمان دۇنيادىكى جانلىقلارنىڭ تۈرى ئەڭ مول مۆتىدىل بەلباغ ئورمىنى بولۇپ، پۈتكۈل چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدا دۆلەت دەرىجىلىك 144 تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇلغان، بۇ چاڭجياڭ دەرياسى ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم كاپالەت رولىنى ئوينايدۇ.

  دالا قىزىل ئىبىسنىڭ سانى ئەڭ دەسلەپكى يەتتىدىن 1500گە كۆپەيدى، شىشۇاڭبەننا دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى ئاسىيا پىلىنىڭ سانى ئەڭ دەسلەپكى 170تىن 230غا كۆپىيىپ، پائالىيەت دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى؛ خەينەن باۋاڭ تېغى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغىلا تارقالغان خەينەن ئۇزۇن بىلەكلىك ئادەمسىمان مايمۇنىنىڭ سانىمۇ 1984-يىلدىكى توققۇزدىن 20گە كۆپەيدى؛ گۇيجۇ فەنجىڭشەن تېغى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغىلا تارقالغان گۇيجۇ سېرىق ياللىق مايمۇنىمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى 300 نەچچىدىن ھازىر 750 نەچچىگە كۆپەيدى.

  ئېلىمىزنىڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش ئۈچۈن، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىغا ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپارات ئورنىتىپ، پەن تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىشنى قوللىدى، ھازىر مەملىكەت بويىچە %80 دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپارات ئورنىتىلىپ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تەبىئىي ياشاش مۇھىتىدا دالىدا ياشاش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەبىئىي بايلىقنى تەكشۈرۈش، باھالاش ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر