باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-پەسىلدە مەملىكىتىمىزدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى 96 مىڭ كىشىگە جازا بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى كادىرلار 22 كىشى

2018.04.18 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى بۈگۈن 2018-يىلى 1-پەسىللىك مەملىكىتىمىزدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان. 1-پەسىلدە، مەملىكىتىمىزدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى 750 مىڭ/قېتىم ئەرزىيەت-پاش قىلىش دېلوسىنى قوبۇل قىلىپ، 286 مىڭ مەسىلە يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلغان، 96 مىڭ كىشىگە جازا بەرگەن(بۇنىڭ ئىچىدە 80 مىڭ كىشى پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە جازا بەرگەن).

  2018-يىلى 1-پەسىلدە، مەملىكىتىمىزدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى 750 مىڭ ئەرزىيەت-پاش قىلىش دېلوسىنى قوبۇل قىلىپ، 286 مىڭ مەسىلە يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلغان، 59 مىڭ كىشى/قېتىم سۆزلەشكەن ۋە خەت ئارقىلىق سۈرۈشتۈرگەن، 119 مىڭ دېلو تۇرغۇزۇپ، 96 مىڭ كىشىگە جازا بەرگەن (بۇنىڭ ئىچىدە 80 مىڭ كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە جازا بەرگەن). ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك 22 كادىر، نازىر، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك 680دىن ئارتۇق كادىر، ھاكىم-باشقارما دەرىجىلىك 4500دىن ئارتۇق كادىر، يېزا باشلىقى، بۆلۈم دەرىجىلىك 15 مىڭ كادىر، ئادەتتىكى 19 مىڭ كادىر، يېزا ۋە كارخانا قاتارلىق جايلاردىكى باشقا خادىملاردىن 57 مىڭ كىشىگە جازا بەرگەن.

  2018-يىلى 1-پەسىلدە، مەملىكىتىمىزدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»تىن پايدىلىنىپ 261 مىڭ ئادەم/قېتىمغا جازا بەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، بىرىنچى خىل ھالەت بويىچە 165 مىڭ ئادەم/قېتىم بىر تەرەپ قىلىنىپ، «تۆت خىل ھالەت» بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان ئومۇمىي ئادەم/قېتىمىنىڭ %63.2نى؛ ئىككىنچى خىل ھالەت بويىچە 75 مىڭ ئادەم/قېتىم بىر تەرەپ قىلىنىپ، %28.8نى؛ ئۈچىنچى خىل ھالەت بويىچە 13 مىڭ ئادەم/قېتىم بىر تەرەپ قىلىنىپ %5نى؛ تۆتىنچى خىل ھالەت بويىچە 7800 ئادەم/قېتىم بىر تەرەپ قىلىنىپ، %3نى ئىگىلىگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر