باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-پەسىلدە مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا 3 مىليون 300 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان بازارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجى زور دەرىجىدە ئاشتى

2018.04.18 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-ئاپرېل دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كىرىم تەقسىماتى مەھكىمىسىدىن ئۇقۇشىمىزچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە بازارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجى زور دەرىجىدە ئېشىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان، ئىشسىزلىق نىسبىتى مۇقىملىق ئاساسىدا تۆۋەنلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ساقلىغان.

  ئىشسىزلىق نىسبىتى مۇقىملىق ئاساسىدا تۆۋەنلىگەن. بۇ يىل 1-پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا 3 مىليون 300 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، 3-ئايدىلا 1 مىليون 540 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، بۇلتۇرقىدىن 80 مىڭ كىشى كۆپ بولغان. 3-ئايدا مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %5.1 ،31 چوڭ شەھەرنىڭ شەھەر-بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.9 بولۇپ، ھەممىسى بۇلتۇرقىدىن 0.1 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلەپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرغان.

  بازارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجى زور دەرىجىدە ئاشقان. ئىقتىساد كۆلىمىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، بازارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ قىسمەن ئۆلكىلەرنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، 2-ئايدا كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجى بۇلتۇرقىدىن %10تىن ئارتۇق ئاشقان. چاغاندىن كېيىن خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئورنىغا قايتىش نىسبىتى ئوتتۇرىچە %90 تىن يۇقىرى بولغان. ئالاقە تورىدا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش كارخانىسى «58 تۇڭچېڭ»نىڭ تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، 3-ئايدا كارخانىلارنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېھتىياجى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %50.4، بۇلتۇرقىدىن %64.9 ئېشىپ، ياسىمىچىلىق، قاتناش-تىرانسپورت، ئامباردا ساقلاش ۋە پوچتا كەسپى، توپ ۋە پارچە سېتىش، تۇرالغۇ ۋە يېمەك-ئىچمەك، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېھتىياجى ئالدىنقى ئايدىكىدىن ۋە بۇلتۇرقىدىن %40 ئاشقان.

  نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان. 2018-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى مۇقىم بولۇپ، 1-ئاپرېلغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئىستۇدېنتلارنىڭ توختاملىشىش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلەشكەن، 13 ئۆلكىدىكى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستۇدېنتلارنىڭ توختاملىشىش نىسبىتى بۇلتۇرقىدىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە گۇيجۇ، ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلارنىڭ ئېشىش نىسبىتى 5 پىرسەنت پوئىنتتىن يۇقىرى بولغان. 1-پەسىلدە مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن كىشىلەردىن 430 مىڭى ئىشقا ئورۇنلىشىپ، بۇلتۇرقىدىن 20 مىڭ كىشى ئاشقان. پولات-تۆمۈر، كۆمۈرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش جەريانىدا ئىشتىن بوشىغان خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مۇقىم، تەرتىپلىك بولغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر