باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا مىنىستىرلىقى ئەسلىي ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئىمپورت ئاق قوناقنى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تەكشۈرۈشنىڭ دەسلەپكى كېسىمىنى ئېلان قىلدى

2018.04.18 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا مىنىستىرلىقى 17-ئاپرېل 2018-يىللىق 38-نومۇرلۇق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنى چىقىرىپ، ئەسلىي ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئىمپورت ئاق قوناقنى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تەكشۈرۈشنىڭ دەسلەپكى كېسىمىنى ئېلان قىلدى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، سودا مىنىستىرلىقى ئەسلى ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئىمپورت ئاق قوناقنى تۆكمە قىلىپ سېتىشنىڭ مەۋجۇتلىقى، دۆلەت ئىچىدىكى ئاق قوناق كەسپىنىڭ ماھىيەتلىك زىيانغا ئۇچرىغانلىقى، شۇنداقلا تۆكمە قىلىپ سېتىش بىلەن ماھىيەتلىك زىيان ئارىسىدا سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بېكىتكەن ھەم ئەسلى ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئىمپورت ئاق قوناققا قارىتا ۋاقىتلىق تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىشنى قارار قىلغان.

  كېسىم بويىچە، 2018-يىل 18-ئاپرېلدىن باشلاپ، ئىمپورت تىجارەتچىلىرى ئەسلى ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئىمپورت ئاق قوناقنى ئىمپورت قىلغاندا، كېسىمىدە بېكىتىلگەن شىركەتلەر كاپالەت پۇلى نىسبىتى (%178.6) بويىچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تاموژنىسىنى مۇناسىپ كاپالەت پۇلى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. بۇ مەھسۇلات «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت بېجى قائىدىسى» نىڭ 10079000-تۈرىگە كىرىدۇ.

  دەسلەپكى كېسىمدىن كېيىن، سودا مىنىستىرلىقى بۇ دېلونى داۋاملىق تەكشۈرۈدۇ ھەم ئەڭ ئاخىرقى كېسىمنى چىقىرىدۇ. سودا مىنىستىرلىقى جۇڭگونىڭ ئالاقىدار قانۇن، نىزاملىرى ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسى بويىچە، مەنپەئەتدارلارنىڭ يوللۇق تەرتىپ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر