باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تېخىمۇ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلايلى

ـ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغانلىقى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا(4)

2018.04.17 17:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

  بىر تامچە سۇدىنمۇ قۇياش نۇرى ئەكس ئېتىدۇ، بىر جايدىمۇ دۆلەتنىڭ قىياپىتى نامايەن بولىدۇ.

  «ئەگەر خەينەن ئارىلى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلسا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تېخىمۇ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشىدۇ». خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغانلىقى،ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەينەننى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ جانلىق ئۈلگىسىنى تىرىشىپ يارىتىپ، جۇڭگو سالاپىتى، جۇڭگو سۈپىتى، جۇڭگو ئوبرازىنى نامايەن قىلىدىغان چىرايلىق ئىسم كارتىسىغا ئايلىنىشقا ئىلھاملاندۇردى. چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان مۇھىم تاپشۇرۇق خەينەندىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش، جاسارەت بىلەن ئېلىشىشتەك تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتەك كۈتۈرەڭگۈ غەيرىتىگە ئىلھام بەردى.

  ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەسىس قىلىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىياتىدىكى مۇھىم قەدەم. 1984-يىلىلا، يولداش دېڭ شياۋپىڭ شېنجېن، جۇخەي، شيامېن ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايوننى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، «بىز يەنە خەينەن ئارىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك، ئەگەر خەينەن ئارىلىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرالىساق، ئۇ ئىنتايىن زور غەلىبە بولىدۇ»دەپ ئوتتۇرىغا قويغانىدى. خەينەن ئارىلى بىلەن تەيۋەننىڭ يەر كۆلىمى ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. خەينەن بۇنىڭدىن كېيىن 30 يىل ئىلگىرى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قىلىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، مىسىلسىز زور تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە بولدى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنىڭ يېڭى تارىخىي باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدىكى مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندى. خەينەن قاتارلىق ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلاردىكى غايەت زور ئۆزگىرىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيىتىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى، 40 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىپ، كىشىلەرگە زامانىۋىلىشىشنىڭ يولى بىرلا بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت توغرا يۆنىلىشنى تېپىپ، توختىماي ئىلگىرىلىگەندىلا، ھەممە يول بىلەن نىشانغا يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېنىق جاكارلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر