باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى 283 كادىرنى غەربىي رايون قاتارلىق جايلارغا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتتى

2018.04.17 17:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى يېقىندا، دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، 283 كادىرنى تاللاپ غەربىي رايون، كونا سانائەت بازىلىرى، كونا ئىنقىلابىي رايونلارغا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتتى.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، مالىيە مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى بۇ يىلنىڭ بېشىدا بىرلىشىپ «دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە مەركەزلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى بېسىپ تارقاتتى. «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مىنىستىرلىق، كومىتېتلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلىشى ئارقىلىق، غەربىي رايون، كونا سانائەت بازىلىرى، كونا ئىنقىلابىي رايونلارغا بېرىپ ۋەزىپە بىلەن چېنىقىدىغان 283 كادىر نامزاتىنى بېكىتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر