خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17ـ ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك گوۋۇيۈەن 16-ئاپرېل جۇڭنەنخەيدە ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ قەسەم بېرىشنى نازارەت قىلدى.
يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ۋە «گوۋۇيۈەن ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرىغا تەيىنلەنگەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىشكە تەشكىللەش چارىسى»غا ئاساسەن، 2017ـ يىلى 6- ئايدىن 2018ـ يىلى 3ـ ئايغىچە گوۋۇيۈەن ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن 42 تارماق ۋە ئورۇندىكى 92 مەسئۇل كىشى ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بەردى.
قەسەم بېرىشتىن كېيىن، لى كېچياڭ كۆپچىلىكتىن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاساسىي قانۇنغا سادىق بولۇپ، ئاساسىي قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈپ، ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى بەجانىدىل ئادا قىلىپ، پاك-دىيانەتلىك بولۇپ، بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلققە پايدىلىق ئىشنى كۆپرەك قىلىپ، خەلقنى تۇرمۇش غېمىدىن كۆپرەك خالاس قىلىپ، دۆلەت ۋە خەلققە مۇناسىپ يېڭى نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىشنى تەلەپ قىلدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى