باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى جۇڭگو-ئامېرىكا سودا سۈركىلىشى توغرىسىدا توختالدى

ناۋادا ئامېرىكا تەلۋىلەرچە تەتۈرلۈك قىلسا، جۇڭگو تەرەپمۇ چوقۇم قەتئىيلىك بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىدۇ

2018.04.18 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 17-ئاپرىل جۇڭگو-ئامېرىكا سودا سۈركىلىشى توغرىسىدىكى ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاپ بەرگەندە مۇنداق بىلدۈردى: ناۋادا ئامېرىكا تەلۋىلەرچە تەتۈرلۈك قىلىپ، داۋاملىق ئېقىمغا قارشى ھەرىكەت قىلسا، جۇڭگو چوقۇم ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇپ، قەتئىيلىك بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، بۇ كۆپ تەرەپلىك ۋە ئەركىن سودىنى قوغداش ئۇرۇشىدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

  خۇا چۇنيىڭ شۇ كۈنىدىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشىنىڭ ماھىيىتى كۆپ تەرەپلىك بىلەن بىر تەرەپلىمىلىكنىڭ، دۇنياۋى ئەركىن سودا بىلەن سودا قورۇقچىلىقى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتۇر.

  ئۇ مۇنداق دېدى: خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ 16-چېسلا دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ رەئىسى شۋاب بىلەن كۆرۈشكەندە كۆرسەتكىنىگە ئوخشاش، ھازىر دۇنيادا مەسىلە شۇنچە كۆپ، خىرىس شۇنچە كۆپ، بۇنىڭغا يەنىلا باراۋەر كېڭىشىش، كۆپ تەرەپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش كېرەك. تارىخ شۇنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدىكى، بېكىنمىچىلىك ئاخىرىدا تۇيۇق يولغا باشلايدۇ، پەقەت ئېچىۋېتىلگەن ھەمكارلىق بولغاندىلا، يوللار ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ. چوڭ دۆلەتلەر بۇ جەھەتتە مۇھىم ھەم ئالاھىدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ئېچىۋېتىش داۋامىدا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۇنيا ئۈچۈن يورۇقلۇق، مۇقىملىق، گۈزەل ئىستىقبال ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  يېقىندىن بۇيان 4-قېتىملىق جۇڭگو-ياپونىيە ئىقتىساد ساھەسىدىكى يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ سۆزلىشىشى ۋە 5-قېتىملىق جۇڭگو-ھىندىستان ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىساد سۆھبىتى مەزگىلىدە، ياپونىيە ۋە ھىندىستان تەرەپ قائىدە ئاساسىدىكى كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوللاپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان ئەركىن سودا تۈزۈلمىسىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. نۇرغۇن چەت ئەل رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قاراشنى ئىپادىلىدى.

  خۇا چۇنيىڭ مۇنداق دېدى: يېقىندىن بۇيان، خەلقئارا جەمئىيەتتە كۆپ تەرەپ تۇشمۇ-تۇشتىن ئامېرىكىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى ھۆرمەت قىلىش، كۆپ تەرەپلىمە سودا قائىدىسىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى. ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدىمۇ بارغانسىىرى كۆپلىگەن كىشىلەر، 107 سودا جەمئىيىتى بىرلەشمە ئىمزا قويۇپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل باشقىلارغا يامانلىق قىلىمەن دەپ ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشىغا قارشى تۇردى.

  خۇا چۇنيىڭ مۇنداق دېدى: ناۋادا ئامېرىكا تەلۋىلەرچە تەتۈرلۈك قىلىپ، داۋاملىق ئېقىمغا قارشى ھەرىكەت قىلسا، جۇڭگو چوقۇم ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇپ، قەتئىيلىك بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، بۇ كۆپ تەرەپلىك ۋە ئەركىن سودىنى قوغداش ئۇرۇشىدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭلا ئورۇنلۇق قانۇنلۇق مەنپەئىتى ئۈچۈنلا بولۇپ قالماستىن، دۇنيانىڭ كۆپ تەرەپلىمە سودا تۈزۈلمىسى ۋە قائىدىسىنى قوغداش ئۈچۈندۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر