باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ داشىڭ رايونىدا يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرغان كارخانىلار 15 مىنۇتتا تىجارەت كىنىشكىسىنى قولىغا ئالالايدۇ

2018.04.18 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-ئاپرىل، بېيجىڭنىڭ داشىڭ رايونىدا يېڭىچە سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت يىغىنى ئېچىلىپ، سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئىسلاھاتى ئومۇمىي ئەندىزىسى، ئىختىساسلىقلارغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئون ماددا»، كەسىپ سىياسىتى ۋە فوند سىستېمىسى قاتارلىق يېڭىچە سودا مۇھىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئېتىبار سىياسەتلەر ئېلان قىلىندى.

  تېخنىكىغا كۆپرەك تايىنىپ، ئاممىنى ئازراق يۈگۈرتۈش ئۈچۈن، داشىڭ رايونى تور مۇلازىمەت زالىنى قۇرۇپ، ئىش بېجىرگۈچى كارخانا ۋە ئاممىنى تولۇق «بىر بېكەت» شەكلىدىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت زالىدا بارلىق ئىش تۈرلىرىنى توردا بېجىرىش، تەستىقلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان شىركەتلەر مەخسۇس مۇلازىمەت رايونى تەسىس قىلىنىپ، «ئۈچ ھالقىدا، بەش كۈندە پۈتتۈرۈپ بولۇش»تەك تېز بېجىرىش شەكلى قوللىنىلىپ، تىجارەت كىنىشكىسى، تامغا، بارلىق رەسمىيەتلەر بىر كۆزنەكتىلا پۈتۈپ چىقىپ تارقىتىلدى، يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرغان شىركەتلەرنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى 15 مىنۇت ئىچىدە قولىغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ، كارخانىلار شىركەت قۇرۇش داۋامىدا خەت ئۇرۇش، كۆپەيتىش، تامغا ئويدۇرۇش، كىنىشكىنى تېز يوللانما قىلىپ سېلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنىڭ ھەممىسى ھەقسىز بېجىرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر