باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تور كۈچلۈك دۆلىتى ــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

ــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «19ـ ئاپرېل»مۇھىم سۆزى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

2018.04.19 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈنكى دۇنيادا ئۇچۇر تېخنىكا ئىنقىلابى كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتىدۇ.

  ھازىرقى جۇڭگودا تور ئۇچۇر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچقاندەك راۋاجلىنىۋاتىدۇ.

  ھەممىلا جايدا كۆزگە چېلىقىدىغان كۆچمە چىقىم قىلىشتىن شىددەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىلىۋاتقان يۇقىرى تور سودا سوممىسىغىچە؛ پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەت سىستېمىسىدىن جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپىگىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ئېلان قىلىنغان ئىككى يىل مابەينىدە، ئېلىمىزنىڭ تور ئۇچۇر ئىشلىرى تېز سۈرئەتتە ساغلام راۋاجلاندى، ئالاقە تورى دۆلەت تەرەققىياتىدا بارغانسېرى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى، رەقەم ساھەسىدە ئۈزلۈكسىز تۈردە ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىدىكى ئىستراتېگىيەلىك پىلاننىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېڭى دەۋر ئاچقان جۇڭگو تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە مەزمۇت قەدەم بىلەن ئاتلاندى.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېگىزدە تۇرۇپ، يىراقنى كۆرۈپ، پەيتنى پەملەپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى

  2018-يىلى 3-ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، دۆلەت تور ئۇچۇر ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى−مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىغا ئۆزگەرتىلىپ، بۇ ساھەدىكى مۇھىم خىزمەتلەرنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش، ئومۇمىي جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولدى.

  بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنىڭ تور ئۇچۇر ئىشلىرىدا يىراقنى كۆزلەپ پۇختا پىلان تۈزگەنلىكى، شۇنداقلا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دەۋر يۈزلىنىشىنى توغرا ئىگىلەپ، ئەمەلىيەت تەلىپىگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەتلەرنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، تور ئۇچۇر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر