ساياھەتچىلەر شياڭگاڭ تۇڭلوۋەن سودا رايونىدا ئېكسكۇرسىيە قىلىپ مال سېتىۋالماقتا (2- ئاينىڭ 4- كۈنى فوتوسى).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىياڭگاڭ ساياھەت تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە شياڭگاڭنى زىيارەت قىلغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئومومىي سانى 15 مىليون 610 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %9.6 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن بارغان ساياھەتچىلەر 12 مىليون 180 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.6 ئاشقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى