5- ئاينىڭ 1- كۈنى، ساياھەتچىلەر سەنشى ئۆلكىسى لىنفېن شەھىرى جىشەن ناھىيەسىدە خۇكو شارقىراتمىسىنى تاماشا قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 1- كۈنى تارقاتقان ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، «1-ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمى مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۈتۈۋېلىنغان دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىلەر جەمئىي 147 مىليون ئادەم (قېتىم)غا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.3 ئاشقان، دۆلەت ئىچى ساياھەت كىرىمى 87 مىليارد 160 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.2 ئاشقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى