5- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئاپتوموبىللار ليۇجىڭ يۈجياڭ دەرياسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىكى ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكتىن (سولدا) ئۆتمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، ليۇجۇ-نەننىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش بويىچە مۇھىم تىزگىنلەش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى بولغان ليۇجىڭ يۈجياڭ دەرياسىدىكى ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكتە 5- ئاينىڭ 1- كۈنى رەسمىي قاتناش باشلاندى. ليۇجىڭ يۈجياڭ دەرياسىدىكى ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1127 مېتىر، كۆۋرۈك يۈزىنىڭ كەڭلىكى 35 مېتىر كېلىدۇ. مەزكۇر كۆۋرۈكنىڭ يەككە يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىللىق يولى بار بولۇپ، قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، نەننىڭدىن ليۇجۇغا قاتنايدىغان ئاپتوموبىللار ليۇجىڭ يۇجياڭ دەرياسىدىكى ئۇ ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ ماڭسا، ئاندىن ليۇجۇدىن نەننىڭ تەرەپكە قاتنايدىغان ئاپتوموبىلار ئەسلىدىكى ليۇجىڭ چوڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ ماڭسا بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ليۇجۇ-نەننىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ليۇجىڭ بۆلىكىدە قوش يۆنىلىشلىك سەككىز ئاپتوموبىللىق يول ھازىرلانغان بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى